بىر ئايلىق بوۋاقلارغا مېۋە ۋە كۆكتات شەربىتىنى قانداق قوشۇپ بېرىمىز؟
نېمە ئۈچۈن
ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى مول بولغان كۆكتات ۋە مېۋىلەردىن كۆك پۇرچاق مايسىسى، پالەك، يازلىق يېسىۋىلەك، شوخلا، ئاپېلسىن، چىلان، ئاكتىنىيە (مايمۇن شاپتۇلى) قاتارلىقلار بار. بوۋاقلارغا مېۋە ۋە كۆكتات شەربىتى چىقىرىپ بېرىشتە، يېڭى مېۋە ۋە كۆكتات تاللاش ھەمدە ۋىتامىن C نىڭ خاراكتېرى تۇراقسىز بولغانلىقتىن، شەربەت ياساش جەريانىدا بەك ئۇزۇن قايناتماسلىق كېرەك. يېڭى مېۋە شەربىتى ياساشتا، ئاۋۋال مېۋىنى پاكىز يۇيۇپ پوستىنى ۋە ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىپ مېۋە سىقىش ماشىنىسىدا سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ، مۇۋاپىق مىقداردا قايناق سۇ بىلەن ئاز مىقداردا شېكەر سېلىپ، ئېمىزگۈسىگە قۇيۇپ بوۋاققا ئىچكۈزسە بولىدۇ. كۆكتات شىرنىسى ياساشتا، يېڭى كۆكتات تاللاپ، پاكىز يۇيۇپ ئۇششاق چانىغاندىن كېيىن ئازراق سۇ قۇيۇپ، قۇم قازاندا ئۈچ ~ بەش مىنۇت قايناتسىلا بولىدۇ، ھەرگىزمۇ مىس قازان ئىشلەتمەسلىك كېرەك. كۆكتات شىرنىسىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئادەتتە ئىچىدىغان سۈتنىڭ تېمپېراتۇرىسى بىلەن ئوخشاش ھالەتكە كەلگەندە ئىمىزگۈگە قۇيۇپ ئازراق شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ بوۋاققا ئىچۈرۈلىدۇ. بوۋاقلارغا مېۋە شىرنىسى، كۆكتات شىرنىسى قوشۇپ بەرگەندە تەرتىپ بويىچە تەدرىجىي ئىلگىرىلەش، باشلىنىشتا قويۇقلۇقى تۆۋەنرەك بولۇش، بوۋاق ماسلىشىۋالغاندىن كېيىن ئاندىن بارا - بارا قويۇقلۇقىنى ئاشۇرسا بولىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا بىر ئايلىق بوۋاقلارغا ھەر قېتىم 10 ~ 15 مىللىلىتىر (تەخمىنەن ئىككى - ئۈچ قوشۇق ئەتراپىدا) مېۋە شەربىتى ياكى كۆكتات شەربىتى ئىچۈرۈش، ۋاقىتنى ئىككى قېتىم ئېمىتىش ئارىلىقىنى تاللاش كېرەك.