تارقىلىشچان مېڭە يۇلۇن پەردە ياللۇغى كېسىلىنىڭ قانداق ئىپادىلىرى بار؟
نېمە ئۈچۈن
بۇ خىل كېسەللىكنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى ئادەتتە ئىككى - ئۈچ كۈن بولىدۇ، كېسەللىكنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە بوشراق قىزىش، كاناي ئاغرىش، يۆتىلىش ۋە بۇرۇندىن سۇ ئېقىش قاتارلىق نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالامىتى كۆرۈلىدۇ. ئارقىدىنلا ناھايىتى تېزلا قاتتىق غالىلداپ تىترەش، قاتتىق قىزىش، قاتتىق باش ئاغرىش، ئاندا - ساندا ياندۇرۇش، پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش، مۇسكۇللار ئاغرىش، ئىشتىھا ناچارلىشىش، روھى چۈشكۈنلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر ۋە تېرە، كۆز، ئېغىز بوشلۇقى قاتارلىق ئورۇنلاردا خىلمۇخىل قاپارتقۇلار پەيدا بولۇپ، دەسلەپتە قېنىق رەڭدە، كېيىن قىزغۇچ بىنەپشە رەڭگە ئۆزگىرىدۇ. بوۋاقلاردا بولسا ئالدى لىپىلداق يوغىناش، قاتتىق چىرقىراپ يىغلاش، خۇددى ئېسىنى يوقاتقاندەك ھاڭۋېقىپ قاراش، تارتىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئاز ساندىكى بىمارلاردا يۇقىرىقى ئالامەتلەر پەيدا بولغاندىن سىرت، پۈتۈن بەدەندىكى تېرە ۋە شىلىمشىق پەردىلەردە خىلمۇخىل داغلار پەيدا بولىدۇ ۋە ناھايىتى تېزلىكتە چىرايى سارغىيىش، كالپۇك ئەتراپى ۋە بارماق ئەتراپى بىنەپشە رەڭگە كىرىپ، پۇت - قولى مۇزلاش، قان بېسىمى تۆۋەنلەش، ھەتتا قان بېسىمىنى ھېسابلاپ چىققىلى بولماسلىق ئالامەتلىرى پەيدا بولىدۇ. ئەگەر جىددىي سۈرئەتتە قۇتقۇزۇلمىسا، ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، بالىلاردا يۇقىرىقى ئالامەتلەر كۆرۈلسە، بولۇپمۇ تېرىسىدە داغ ۋە قاپارتقۇلار پەيدا بولغاندا، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك.