بوۋاقلار نېمە ئۈچۈن كېچىدە يىغلايدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
نۇرغۇن بوۋاقلار ئالتە - يەتتە ئايلىقتىن باشلاپ كېچىدە يىغلاپ كېتىدۇ. بولۇپمۇ قىش پەسلىدە، بۇ خىل ئەھۋال تېخىمۇ كۆپ. خۇددى چوڭلار دائىم <ئۆيۈمدە كېچىدە يىغلايدىغان دانا بار> دېگىنىدەك، بۇ ۋاقىتتا ئالدى بىلەن سەۋەبىنى ئېنىقلاش كېرەك. بوۋاقنىڭ يىغىسى فىزىئولوگىيىلىك يىغا ۋە پاتولوگىيىلىك (كېسەل خاراكتېرلىك) يىغا دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. ئەگەر بوۋاق ئاغرىپ قالغان بولسا ۋاقتىدا كېسىلىنى كۆرسىتىش. كېسەل بولۇشتىن سىرت كېچىدىكى يىغىسىنىڭ كۆپىنچىسى فىزىئولوگىيىلىك يىغا. مەسىلەن: قورسىقى ئېچىش، ئۇسساش، زاكىسى ھۆل بولۇش، توڭلاش، ئىسسىش، شاۋقۇن - سۈرەن قاتارلىقلار. قىش پەسلىدە، بوۋاقنىڭ كۈندۈزدىكى ھەرىكىتى سەل ئاز، كېچە بولسا ئۇزۇنراق. بۇمۇ كېچىدىكى يىغىنىڭ بىر ئامىلى. ئۇنىڭدىن سىرت، بۇ ۋاقىتتا كۆپ ھاللاردا بوۋاقلارغا قوشۇمچە يېمەكلىك قوشۇپ بېرىشكە باشلايدۇ، ئەگەر يېمەكلىك مۇۋاپىق قوشۇپ بېرىلمىسىمۇ بوۋاق كېچىدە يىغلايدۇ