نېمە ئۈچۈن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا كېسەللىكنىتاللاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى كېسەللىكنى تاللاپ تەكشۈرۈش دېگىنىمىز، بەلگىلىك تەجرىبىخانا ئۇسۇلى ئارقىلىق يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا تۇغما مېتابولىزم كەمتۈكلۈك كېسىلى بار - يوقلۇقىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىدىغان تەكشۈرۈش بولۇپ، ھازىرچە ئاساسلىقى تۇغما قالقانسىمانبەز ئىقتىدارى تۆۋەنلەش كېسىلى ۋە فېنول كىتون سىيىش كېسىلىگە قوللىنىلىۋاتىدۇ. تۇغما قالقانسىمانبەز ئىقتىدارى تۆۋەنلەش كېسىلى تۇغما قالقانسىمانبەز يېتىلىشى ياخشى بولماسلىق ياكى قالقانسىمانبەز ھورمۇنى سېنتىزلىنىش جەريانىدا ئېنزىم كەمچىل بولۇشتىن كېلىپ چىققان كېسەللىك. فېنول كىتون سىيىش كېسىلى بولسا فېنىل ئالانىن مېتابولىزمى جەريانىدىكى ئېنزىم كەملىكتىن كېلىپ چىققان. ئەگەر تۇغۇلغاندىن كېيىن ۋاقتىدا بايقالسا ھەر ئىككىسىنى داۋالىغىلى بولىدۇ ھەم قانچە بالدۇر بولسا داۋالاش ئۈنۈمىمۇ شۇنچە ياخشى بولىدۇ. بولمىسا داۋالاش پۇرسىتىنى ئۆتكۈزۈۋېتىشتىن ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەنلەش قاتارلىق نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىك ئاسارىتى قالىدۇ، ئېغىرلىرى ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا كېسەللىكنى تاللاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ۋاقتىدا كېسەللىك ئالامىتىنى بايقىغىلى ھەم مۇناسىپ داۋالاش ئۇسۇلى قوللىنىپ، كېسەللىك ئاسارىتى قېلىش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ