UyghurWiki
UyghurWikiنەمەچوڭلار بالىلار تىلىنى قوللانسا بالىلارنىڭ يېتىلىش، تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىقمۇ؟

چوڭلار بالىلار تىلىنى قوللانسا بالىلارنىڭ يېتىلىش، تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىقمۇ؟

نېمە ئۈچۈن يالغۇز پەرزەنتلەر كىچىكىدىن باشلاپلا يېقىن تۇغقانلارنىڭ كۆيۈنۈشى ۋە مېھرىبانلىقى ئاستىدا چوڭ بولىدۇ. تىلى ناھايىتى بۇرۇنلا چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ناھايىتى ئەركىلەپ گەپ قىلىدۇ، ھەر قانداق گەپنى قىلالايدۇ، بىراق تۆت ياشقا كىرگەندىمۇ بالىلار تىلىنى قوللىنىدۇ. گەرچە ئاتا - ئانىلار دائىم توغرىلاپ بەرسىمۇ بىراق يالغۇز پەرزەنت بۇنى ناھايىتى تەستە توغرىلايدۇ. ئەگەر بالىنىڭ ئەتراپىدىكى چوڭلار ئىزچىل تۈردە بالا بىلەن بالىلار تىلىدا پاراڭلاشسا بالىلارنىڭ ئەركىلەپ سۆزلەشنى ئۆزگەرتىشى ناھايىتى تەس. چۈنكى بالىلار ھەر ۋاقىت چوڭلارنىڭ سۆزىنى دورايدۇ. شۇڭا بالىلارنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر سۆزنى توغرا تەلەپپۇز قىلىپ، نورمال سۆزلەر ئارقىلىق بالىلار بىلەن پاراڭلىشىش، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياخشى بولغان بالىلار رەسىملىك ژۇرنىلىنى تېپىپ، توغرا بولغان تىل ئارقىلىق رەسىملىك ژۇرنالنىڭ مەزمۇنىنى بالىغا دېگۈزۈپ، توغرا تەلەپپۇز قىلىشنى ئۆگىتىش؛ ئەگەر بالىلارنىڭ تەلەپپۇزى توغرا بولمىسا، چوڭلار ئەنسىرەپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ ھەم بالىلارنى ئەيىبلەپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئەكسىچە سەۋرچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنى قايتا سىناپ بېقىشقا ئىلھاملاندۇرۇش. تەكرار مەشىق ئارقىلىق بالىلار تىلىنى توغرا ئىشلىتىشنى ئۆگىنىۋالالايدۇ. ئەقلىي قابىلىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئاستا بولغان بالىلار دائىم بالىلار تىلىنى ئىشلىتىدۇ. شۇڭا ئائىلە باشلىقلىرى ئەستايىدىللىق بىلەن يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك
← بارلىق تېمىلار نەمە
چوڭلار بالىلار تىلىنى قوللانسا بالىلارنىڭ يېتىلىش، تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىقمۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki