UyghurWiki
UyghurWikiنەمەتۇغۇتتا قانداق كۈچەش كېرەك؟

تۇغۇتتا قانداق كۈچەش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن بالىياتقۇ ئېغىزى پۈتۈنلەي ئېچىلغاندا كۈچىسە بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، تۇغۇتلۇق ئايال كالتە تولغاقنىڭ ماسلىشىشىغا موھتاج بولۇپ، ئاڭلىق ھالدا قورساقنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. بۇ <كۈچەش> دېيىلىدۇ. تۇنجى قېتىم تۇغقان تۇغۇتلۇق ئايالغا نىسبەتەن، بالىياتقۇ بوينى پۈتۈنلەي ئېچىلغاندىن باشلاپ، ھامىلە تۇغۇلغانغىچە بولغان ۋاقىت ئادەتتە ئىككى سائەتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. بۇنىڭدىن بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى، كۈچەش - كۈچىمەسلىك، ئوڭۇشلۇق تۇغۇش - تۇغماسلىقتىكى مۇھىم ئۆتكەل. كۈچەشنىڭ باسقۇچلىرى تۆۋەندىكىچە: 1. ئوڭدىسىغا يېتىپ، ئىككى قولى بىلەن ياستۇقنى ياكى كارىۋات تۈۋرۈكىنى تۇتۇپ، بالىياتقۇنىڭ تارىيىشى يۇقىرى پەللىگە چىققاندا كۈچەش. 2. ئوڭدىسىغا يېتىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، چوڭقۇر نەپەسلىنىش. ھاۋا سۈمۈرگەندىن كېيىن، ۋاقتىنچە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، ئارقىدىن قويۇۋەتسە، مەقئەت تەرەپكە قاراپ كۈچىگىلى بولىدۇ. 3. داۋاملىق دېمىنى سىقىشقا ئامالسىز قالغاندا ئۆزىنى قويۇۋېتىپ، ئارقىدىنلا ناھايىتى تېزلىكتە ئىچىگە تارتىپ، كۈچەش؛ كۆزى يورۇغان ۋاقىتتا دوختۇر ۋە سېسترالارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، كۈچەش ۋە ئۆزىنى قويۇۋېتىش؛ بالىياتقۇ تارايغاندا بىر قېتىمدا تەخمىنەن 10 سىكۇنت كۈچىيىشى. ئەگەر كالتە تولغاق داۋاملاشسا، داۋاملىق ھاۋانى ئىچىگە تارتىش ۋە كۈچەش؛ تارىيىش توختىغاندا، پۈتۈن بەدەننى قويۇۋېتىپ، ئازراق ئارام ئېلىۋېلىش؛ ئارام جايىدا بولغاندا، يېتەرلىك ھالدا كۈچىگىلى بولىدۇ. يەنى كۈچەش ۋاقتى توغرا بولسا، كالتە تولغاقنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ. شۇڭا، كالتە تولغاق بىلەن كۈچەپ ماسلىشىش. ئارىلىقتىكى دەم ئېلىشتا يەنى بوشاشقاندا، بالىياتقۇ ئىچىدىكى قاننىڭ ئېقىش مىقدارى كۆپىيىپ، ھامىلە ئوكسىگېننى تېخىمۇ كۆپرەك قوبۇل قىلىدۇ. شۇڭا، بۇ ۋاقىتتا ئانا بەدىنىنى ئىمكانقەدەر بوش تۇتۇشى كېرەك، قانچە بوش تۇتسا، شۇنچە ياخشى بولىدۇ
← بارلىق تېمىلار نەمە
تۇغۇتتا قانداق كۈچەش كېرەك؟ | UyghurWiki | UyghurWiki