UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئالاقىلىشىش سۈنئىي ھەمراھى قانداق جايلاردا ئىشلىتىلىدۇ؟

ئالاقىلىشىش سۈنئىي ھەمراھى قانداق جايلاردا ئىشلىتىلىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن تېلېۋىزىيە ئۇچۇرلىرىنى تارقىتىشتا يۇقىرى چاستۇتىلىق ئېلېكترو ماگىنىت دولقۇنى قوللىنىلىدۇ. يۇقىرى چاستۇتىلىق ئېلېكترو ماگىنىت دولقۇنىنىڭ كېسىپ ئۆتۈش ئىقتىدارى بىر قەدەر كۈچلۈك، ئەمما، ئۇ ئاتموسفېرادىكى ئىئونلۇق قەۋەتنى كېسىپ ئۆتكەندىن كېيىن، يەر شارىنىڭ سىرتىغا تارقىلىدۇ، يەر يۈزى شار شەكىللىك يۈز بولغانلىقتىن تېلېۋىزىيە تارقىتىش ئىستانىسىغا نىسبەتەن يىراق جايلاردا تېلېۋىزىيە سىگنالى قوبۇل قىلىنمايدۇ. يۇقىرى بوشلۇقتىكى ئالاقىلىشىش سۈنئىي ھەمراھى ئېلېكترو ماگىنىت دولقۇنىنى قوبۇل قىلىپ تارقىتىدىغان ئىستانىسىدىن ئىبارەت. بۇ قوبۇل قىلىپ تارقىتىش ئىستانىسى يەر يۈزىدىن تارقىتىلغان ئېلېكترو ماگنىت دولقۇنىنى كۈچەيتىش، چاستوتىسىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق يەنە يەر يۈزىگە تارقىتىلىدۇ. يەر يۈزىدە بىر قەدەر چوڭ دائىرىدە، ئۇ قوبۇل قىلىپ تارقاتقان سىگنالنى قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ. ئالاقىلىشىش سۈنئىي ھەمراھى بىلەن يەر شارى ماس قەدەمدە ئايلىنىدۇ. ئالاقىلىشىش سۈنئىي ھەمراھى ئېكۋاتوردىن تەخمىنەن 36 مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بوشلۇققا جايلاشقان. بىر سۈنئىي ھەمراھ تارقاتقان مىكرودولقۇن سىگنالى يەر شارى كۆلىمىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى قاپلايدۇ. شۇڭا، ئالەم بوشلۇقىغا نىسبەتەن پەقەت، ئارىلىقى تەڭ، سۈرئىتى ئوخشاش بولغان ئۈچ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىلسىلا، پۈتۈن يەر شارىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىلسىلا، پۈتۈن يەر شارىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ بىلەن ئالاقىلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. سۈنئىۇ ھەمراھنىڭ ئالاقىلىشىش سىغىمچانلىقى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، ئالاقىلىشىش سۈنئىي ھەمراھى ئارقىلىق 60 مىڭ ئادەم بىرلا ۋاقىتتا دۆلەت ھالقىپ تېلېفوندا سۆزلىشەلەيدۇ ھەمدە كۆپلىگەن تېلېۋىزىيە، سانلىق مەلۇمات، يېزىق، سۈرەتلىك ئالاقىلىشىشنى ئېلىپ بارالايدۇ. نۆۋەتتە، يەر شارى يۇقىرى بوشلۇقىدا تېلېفون قوبۇل قىلىش، تېلېۋىزىيە سىگنالى ۋە سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرلىرىنى قوبۇل قىلىپ تارقىتىش قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئىگە ئالاقىلىشىش سۈنئىي ھەمراھىدىن باشقا يەنە نۇرغۇن مەخسۇس سۈنئىي ھەمراھلار، مەسىلەن، پاراخوتنىڭ مېڭىشىدا ئىشلىتىلىدىغان دېڭىز - ئوكيان ئالاقىلىشىش سۈنئىي ھەمراھى، ئاۋىئاتسىيىسىگە ئىشلىتىلىدىغان ئاۋىئاتسىيە سۈنئىي ھەمراھى، ھاۋا رايىنى كۆزىتىش سۈنئىي ھەمراھى ۋە باشقا كۆپ ئىقتىدارلىق سۈنئىي ھەمراھ قاتارلىقلار بار. نۆۋەتتە، ئىنسانلار ئوخشاش ئوربىتىغا 100 دىن ئارتۇق ئالاقىلىشىش سۈنئىي ھەمراھىنى قويۇپ بېرەلەيدىغان بولدى. يەنە 1000 دىن ئارتۇق كۆچمە ئالاقىلىشىش سۈنئىي ھەمراھى تۆۋەن ئوربىتىدا ئايلىنىپ يۈرمەكتە.
← بارلىق تېمىلار نەمە