UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلارغا بىر قىسىم ئابستراكت سانلار ئۇقۇمىنى ئۆگەتكىلى بولامدۇ؟

بالىلارغا بىر قىسىم ئابستراكت سانلار ئۇقۇمىنى ئۆگەتكىلى بولامدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بالىلار دۇنيانى تونۇش جەريانىدا، چوقۇم بىر قىسىم سانلارغا دۇچ كېلىش ئەھۋالى ولىدۇ. مەسىلەن: ئارسلاننىڭ تۆت پۇتى، ئىككى قۇلىقى، بىر قۇيرۇقى بار دېگەندەك، سىرتقى شەيئىلەرنى تولۇق تونۇتماقچى بولىدىكەنمىز، بالىلار چوقۇم ئاساسىي سان ئۇقۇمىنى ئىگىلىشى كېرەك. بۇ ياشتىكى باسقۇچتا ساناق ساناش ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. ساناق ساناش بالىلارنىڭ تەپەككۇرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ، ساناق ساناش جەريانىدا، بالا دىققىتىنى مەلۇم بىر نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈشكە ئېھتىياجلىق بولىدۇ. ئالدىدا دېگەن ساننى ئېسىدە تۇتالالايدۇ ھەم جىسىملارنى پەرقلەندۈرۈپ ئاتاپ بېرەلەيدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بالىلارنىڭ تونۇش قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. سان مەلۇم ئۇقۇمغا، ئابستراكتىلىققا ئىگە. مەسىلەن: كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى سان <ئىككى> خېلى كۆپ مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن: ئىككى قول، ئىككى قۇلاق، ئىككى دانە گۈل قاتارلىقلار بولۇپ، كۆرۈشكە بولىدىغان سان مۇئەييەن ئۇقۇمغا ئىگە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، سان شەيئىنىڭ رەڭگى، شەكلى قاتارلىق ئالاھىدلىكىگە ئوخشىمايدۇ. سەزگۈ ئەزالىرى ئارقىلىق بىۋاسىتە ھېس قىلغىلى بولمايدۇ. بەلگىلىك ئابستراكتلىققا ئىگە. بالىلار دەسلەپتە ماتېماتىكا ئۇقۇمىغا ئىگە ۋە ئاددىي ھېسابلاش جەريانىدا، تەھلىل قىلىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش، ھۆكۈم قىلىش ۋە خۇلاسىلەش قاتارلىق بىر قاتار تەپەككۇر پائالىيىتىنى باشتىن كەچۈرىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇرەككەپ بولغان ماتېماتىكا ئۇقۇمى قائىدىسىگە پۇختا ئاساس سالىدۇ. بالىلارنىڭ ساناق ساناش ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىي قىلىشى تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىككە ئىگە: 1. مۇئەييەن دەرىجىدىكى سىرتقى پائالىيەتكە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. ساناق سانىغان ۋاقىتتا كىچىك قوللىرى بىلەن جىسىملارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ سانىشى. ساناق ساناشنى مەشىق قىلغان ۋاقىتتا، بالا ساننى يۇقىرى ئاۋازدا دېيىشى كېرەك. ساناق ساناش قارىماققا بىر ئاز مۇرەككەپ بولغان پائالىيەت بولۇپ، قول، ئېغىز، كۆز، مېڭە قاتارلىقلارنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. 2. ئۆگىنىشنى باشلىغان باسقۇچتا، بالا سان بىلەن جىسىملار ئوتتۇرىسىدا ماسلىشىش مۇناسىۋىتى تۇرغۇزۇپلا قالماي، بەلكى ساننى ناخشا بىلەن ئىپادىلىسە بولىدۇ. ئۇلار ساننىڭ تەبىئىي تەرتىپ بويىچە كېلىشى بويىچە ساننىڭ نامىنى ئېيتىپ بېرەلەيدۇ. مۇئەييەن مەشىق ئارقىلىق بىر جىسىم بىلەن بىر ساننى ماسلاشتۇرالايدۇ ھەم مۇئەييەن تەرتىپ بويىچە ساناپ بېرەلەيدۇ. 3. مۇئەييەن تەرتىپ بويىچە بىردىن - بىردىن ساناش كېرەك. ئەگەر ئالدىدىكى سانىنى ئۇنتۇپ قالسا، چوقۇم باشتىن باشلاپ، ئومۇمىي يىغىندىسى ئەڭ ئاخىرقى سان بىلەن ئوخشاش بولۇشى كېرەك. ئۇ سىزگە بىۋاسىتە ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ. جوزا ئۈستىدە قانچىلىك ئالما بولسا، ئۇ بىردىن - بىردىن ساناپ بېقىپ ئاندىن جەمئىي قانچىلىك ئالما ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
بالىلارغا بىر قىسىم ئابستراكت سانلار ئۇقۇمىنى ئۆگەتكىلى بولامدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki