بولغۇسى ئانىلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى قانچىلىك بولسا نورمال بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئادەتتە، ئەسلىدىكى بولغۇسى سېمىز ئانىلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكىدىن بەك ئېشىپ كەتمەيدۇ، ئەكسىچە ئەسلىدىكى ئورۇق ئانىلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن ئوزۇقلۇقلارنى تولۇقلىشى ئارقىلىق بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ - يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلالايدۇ. ئامېرىكىنىڭ ھامىلىدارلىق ۋە بالا ئېمىتىش مەزگىلىدىكى ئوزۇقلۇقلىنىش ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ پىكرىگە ئاساسەن، ھامىلىدار ئاياللار ئۆزىنىڭ بوي ئېگىزلىكى ۋە ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرىكى بەدەن ئېغىرلىقىدىن پايدىلىنىپ، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە قانچىلىك ئاشقانلىقىنى ھېسابلىيالايدۇ. ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە: ئاۋۋال <بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتمىسى> (قىسقارتىلىپ BMI دېيىلىدۇ) نى ھېسابلاش. ئۇسۇلى: ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرىلىكى بەدەن ئېغىرلىق (بىرلىكى كىلوگرام) نى بوي ئېگىزلىكىنى (بىرلىكى مېتىر) نىڭ كۋادراتىغا بۆلۈپ ئېرىشكەن قىممەت BMI. مەسىلەن، ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرىكى بەدەن ئېغىرلىقى 64 كىلوگرام، بويى بىر مېتىر 60 سانتىمېتىر بولغان ھامىلىدار ئاياللار BMI=64÷(1.6)2=25، بەدەن ئېغىرلىق كۆرسەتمىسى 25، بەدەن ئېغىرلىق كۆرسەتمىسى بويىچە: ھامىلىدار ئاياللارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى يېنىك، نورمال ۋە ئېغىر دەپ ئۈچ تۈرگە ئايرىلىدۇ.
1. كۆرسەتمىدە 8.19 دىن تۆۋەن بولسا بەدەن ئېغىرلىقى يېنىك ھامىلىدار ئايال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، 5.12 دىن 81 كىلوگرامغىچە سەمرىش كېرەك.
2. كۆرسەتمىدىكى 8.19 دىن 26 كىلوگرامغىچە بولغان ئارىلىقتا بولسا، نورمال بەدەن ئېغىرلىقى بولۇپ، 5.11 كىلوگرامدىن 16 كىلوگرامغىچە ئاشسا بولىدۇ.
3. كۆرسەتمىدە 26 بولغانلار بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەنلەر قاتارىغا كىرىدۇ، يەتتە كىلوگرامدىن 5.11 كىلوگرامغىچە ئاشسا بولىدۇ. ھەربىر ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئېغىرلىقى قانچىلىك ئاشقان بولسا، بۇنى ئەڭ ياخشىسى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بەلگىلەش كېرەك