ئۆتكۈر كانايچە ياللۇغىنى قانداق داۋالايدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئۆتكۈر كايانچە ياللۇغىنى داۋالاش تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
1. كۈتۈشنى كۈچەيتىش. ۋاقتىدا ھاۋا ئالماشتۇرۇپ، تۇرۇشلۇق ئۆينىڭ ھاۋاسىنىڭ ساپلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، بوۋاقنى كۆپرەك سۇ ئىچىپ بېرىشكە ئىلھاملاندۇرۇش ھەمدە دائىم بوۋاقنىڭ بەدەن ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ، نەپەس يولىدىكى ئاجرالمىلارنىڭ چىقىپ كېتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ۋاقتىدا تېمپېراتۇرىنى چۈشۈرۈش چارىلىرىنى قوللىنىش، تاماققا ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى بېرىش قاتارلىقلار.
2. يۇقۇملىنىشنى كونترول قىلىش. يېشى كىچىك، بەدىنى ئاجىز بوۋاقلارغا نىسبەتەن ياكى قىزىش، بەلغەم سېرىق رەڭدە بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە باكتېرىيىدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش ئۈچۈن كەڭ تەسىرلىك ئانتىبىئوتىكلار بىلەن داۋالاش كېرەك.
3. باشقىچە داۋالاش. بەلغەم يۇمشىتىش دورىلىرىنى بېرىپ بەلغەمنىڭ چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بولىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا يۆتەل توختىتىش دورىلىرىنى ئىشلىتىش تەشەببۇس قىلىنمايدۇ. يۆتىلىش رېفلېكسى چەكلىمىگە ئۇچراپ بەلغەمنىڭ چىقىرىلىشى تەسىرگە ئۇچراشتىن ساقلىنىش. شارائىت يار بەرسە پۈركۈپ سۈمۈرۈش ياكى ئۇلترا ئاۋازلىق تۇمانلاشتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ يەرلىك ئورۇننى داۋالاش ئارقىلىق بەلغەمنى سۇيۇقلاندۇرۇپ چىقىرىۋېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بولىدۇ. دېمى سىقىلىشتىن قوزغالغان كېسەللەنگۈچىلەرگە ئامىنوفىلىن قاتارلىق دەم سىقىلىشنى پەسەيتىش دورىلىرى بىلەن داۋالاشقا بولىدۇ