UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلاردىكى كۆرۈش كۈچى ئاجىزلىق كېسىلىنى نېمە ئۈچۈن بالدۇرراق بايقاش كېرەك؟

بالىلاردىكى كۆرۈش كۈچى ئاجىزلىق كېسىلىنى نېمە ئۈچۈن بالدۇرراق بايقاش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن كۆرۈش كۈچى ئاجىزلىق بولسا — بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدىكى بالىلارنىڭ كۆرۈش ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدىغان كۆز كېسەللىكىنىڭ بىرى، كۆرۈش كۈچى ئاجىزلىق پەقەت مۇشۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ بىر كۆزىنىڭ ياكى ئىككىلا كۆزىنىڭ كۆرۈش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىپلا قالماستىن، ئەڭ مۇھىمى بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار نەرسىلەرگە قارىغاندا، مۇكەممەل بولغان ستېرېئولۇق كۆرۈش سەزگۈسى بولمايدۇ. بۇ بالىلارنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش ۋە كېيىنكى خىزمىتىگە پايدىسىز ئامىللارنى ئېلىپ كېلىدۇ. كۆرۈش كۈچى ئاجىزلار ئاساسلىقى ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا، چوڭ مېڭىدىكى كۆرۈش سەزگۈ نېرۋىلىرى يېتەرلىك غىدىقلىنىشىغا ئۇچرىماي، يېتىلىش ۋە غىدىقلىنىشىدىن توختاپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككى كۆزنىڭ كۆرۈش سەزگۈسىنىڭ يېتىلىشى ئادەتتە ئالتە ياشتىن سەككىز ياشقىچە بولغاندا ئاللىقاچان مۇكەممەل بولۇپ بولىدۇ، شۇڭا كۆرۈش كۈچى ئاجىزلىق كېسىلىنى قانچە بالدۇر بايقىسا، شۇنچە بالدۇر داۋالاش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئادەتتە، كۆزى ئاجىزلىق كېسىلىنى ئۈچ ياشتىن بەش ياشقىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە داۋالاتسا بولىدۇ دەپ قارىلىدۇ، ئەگەر كۆرۈش سەزگۈسىنىڭ يېتىلىش ۋاقتىدىكى سەزگۈرچانلىق دەۋرى ئۆتۈپ كېتىپ، پىششىپ يېتىلگەن مەزگىلگە كىرگەندىن كېيىن داۋالاتسا، ئۈنۈمى ناھايىتى تۆۋەن بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
بالىلاردىكى كۆرۈش كۈچى ئاجىزلىق كېسىلىنى نېمە ئۈچۈن بالدۇرراق بايقاش كېرەك؟ | UyghurWiki | UyghurWiki