UyghurWiki
UyghurWikiنەمەكۆكيۆتەل، بوغما، تېتاتۇس ئۈچ بىرلەشمە ۋاكسىنىـسىنى ئوكۇل قىلىشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

كۆكيۆتەل، بوغما، تېتاتۇس ئۈچ بىرلەشمە ۋاكسىنىـسىنى ئوكۇل قىلىشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن كۆكيۆتەل، بوغما، تېتانۇس ئۈچ بىرلەشمە ۋاكسىنىسىنى ئوكۇل قىلىشتا تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك: 1. تۇتقاقلىق قاتارلىق نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكلىرى ۋە تارتىشىش كېسەللىك تارىخى بولغانلارغا بۇ ۋاكسىنىنى ئۇرۇشنى چەكلەش، جىددىي يۇقۇملۇق كېسەل (ياخشىلىنىش مەزگىلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ھەم قىزىپ قالغانلارغا ئوكۇل قىلىشنى ۋاقىتلىق كەينىگە سۈرۈش؛ 2. ئوكۇل قىلىشتا يېتەرلىك ھالدا تەكشى چايقاش، مەھسۇلات ئۇيۇپ قالماسلىق، ئۇيۇپ قالغان پارچىلار كۆرۈلۈپ قالسىلا ھەرگىز ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. بىرىنچى ئوكۇل ئۇرۇلغاندىن كېيىن يۇقىرى قىزىتما، چۆچۈش قاتارلىق غەيرىي ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ئىككىنچى ئوكۇلنى ئۇرماسلىق؛ ئەگەر ئىككىنچى ئوكۇلنى ئۇرۇشقا بولسا، ئوكۇل قىلىش ئورنىنى ئۆزگەرتىش؛ شۇنىڭدەك بۇ ۋاكسىنا شۈمۈرگۈچ رېئاكتىپ دېيىلىپ ئاسان سۈمۈرۈلمەيدۇ. شۇڭا چوڭقۇر قىسمىدىكى مۇسكۇلغا ئوكۇل قىلىنىشى كېرەك. 3. ئايرىم بوۋاقلاردا قىزىرىش، ئىششىش، ئاغرىش، قىچىشىش ياكى تۆۋەن قىزىتما، چارچاش، باش ئاغرىش قاتارلىق رېئاكسىيىلەر كۆرۈلىدۇ، ئادەتتە بىر تەرەپ قىلمىسىمۇ ئۆزلۈكىدىن يوقاپ كېتىدۇ. ئەگەر پۈتۈن بەدەنلىك رېئاكسىيە ئېغىرراق بولسا ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرۈپ داۋالىتىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە