UyghurWiki
UyghurWikiنەمەچۈچۈك كېسىلىنىڭ قانداق ئىپادىلىرى بار؟

چۈچۈك كېسىلىنىڭ قانداق ئىپادىلىرى بار؟

نېمە ئۈچۈن چۈچۈك قۇرتى ئادەم بەدىنىدىكى كىچىك ئۈچەينىڭ ئاستىنقى قىسمى، قارىغۇ ئۈچەي، بوغماق ئۈچەي ۋە توغرا ئۈچەيدە بولۇپ، ئەركىكى جۈپلەشكەندىن كېيىن ئۆلۈپ قالىدۇ. چىشىسى يۆتكىلىپ يۈرۈپ، كۆپىنچىلىرى بالىلار ئۇخلاپ بىر - ئىككى سائەت بولغاندا مەقئەت سىرتىغا ئۆمىلەپ چىقىپ، مەقئەت ئەتراپىدا، جىنسىي ئەزانىڭ ئەتراپىدا تۇخۇملايدۇ. بۇ جىنسىي ئەزا ۋە مەقئەتنىڭ قاتتىق قىچىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ بالىلارنىڭ ئۇيقۇسىغا تەسىر كۆرسىتىپ، كېچىدە قاتتىق يىغلاش، چۆچۈپ كېتىش، تىنچسىزلىنىش، روھسىزلىنىش، ئىشتىھاسى ناچارلىشىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەزى بالىلاردا قىچىشقان ئورۇننىڭ تېرىسى ياللۇغلىنىدۇ، ھەتتا يۇقۇملىنىپمۇ قالىدۇ. بەزى ۋاقىتتا بىمارنىڭ كۆڭلى قاتتىق ئېلىشىدۇ، قۇسىدۇ، قورسىقى ئاغرىيدۇ. ئىچى سۈرىدۇ، ئەگەر چۈچۈك قۇرت قىز بالىنىڭ سۈيدۈك يولى ئەتراپىدا چىقىۋالسا، پات - پات سىيىش، سىيگەندە جىنسىي ئەزا ئاغرىش ياكى جىنسىي ئەزا يۇقۇملىنىش قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ. ئاندا - ساندا سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغى ۋە قورساق پەردە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
← بارلىق تېمىلار نەمە
چۈچۈك كېسىلىنىڭ قانداق ئىپادىلىرى بار؟ | UyghurWiki | UyghurWiki