UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبوۋاقلارغا ۋىتامىن B1 نى قانداق تولۇقلاشقا بولىدۇ؟

بوۋاقلارغا ۋىتامىن B1 نى قانداق تولۇقلاشقا بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بوۋاققا ۋىتامىن B1 نى تولۇشتا ئەڭ ئاۋۋال ئانا قول سېلىشى، بالا ئېمىتىدىغان ئانىلار ۋىتامىن B1 مول بولغان يېمەكلىكلەردىن گۈرۈچ شېكىرى، بۇغداي كېپىكى، پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىك قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بېرىشى كېرەك. قارا ئاشلىق بىلەن ئاق ئاشلىقنى ماسلاشتۇرۇش مۇھىم. چۈنكى ئاشلىق قانچە ئىنچىكە ئىشلەنسە ۋىتامىن B1 نىڭ مىقدارى شۇنچە ئاز بولىدۇ. تاماق ئېتىش ئۇسۇلىغىمۇ دىققەت قىلىش، سۈزۈدىغان تاماقنى دۈملەيدىغان ياكى ھوردا پىشۇرۇلىدىغان تاماققا ئۆزگەرتىش كېرەك. چۈنكى ۋىتامىن B1 سۇدا ئېرىشچان بولۇپ، سۈزۈلىدىغان تاماقلار سۇغا سېلىنىدۇ. تاماق تەركىبىدىكى ۋىتامىن B پۈتۈنلەي سۇدا ئېرىپ كېتىدۇ. گاڭپەندە ھېچقانچە قالمايدۇ. مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش، چۈنكى يېمەكلىك مايدا پىشۇرۇلسا ۋىتامىن B1 پۈتۈنلەي بۇزۇلىدۇ. قوشۇمچە يېمەكلىك قوشۇپ بەرگەندىن كېيىن بوۋاققا بىر قىسىم قارا ئاشلىق يېمەكلىكلىرىدىن شوۋىگۈرۈچ، ئۈگرە ياكى تۇخۇم سېرىقى قاتارلىقلارنى بەرسە بولىدۇ. ئەگەر بوۋاق ۋىتامىن B1 كەملىك كېسىلىگە گىرىپتار بولسا، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ۋىتامىن B1 تابلېتكىسى بەرسە بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
بوۋاقلارغا ۋىتامىن B1 نى قانداق تولۇقلاشقا بولىدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki