نېمە ئۈچۈن ھەسەن - ھۈسەن كۆلىدە بىرلا ۋاقىتتا بەش خىل رەڭ پەيدا بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
دۆلىتىمىزدىكى شىزاڭ ۋە سىچۇەننىڭ شىمالىدىكى جيۇزەي جىلغىسىدا، كىشىلەر بىرلا ۋاقىتتا سۇ يۈزىدە بەش خىل رەڭ پەيدا بولىدىغان گۈزەل كۆللەرنى كۆرەلەيدۇ، مانا بۇلار دائىم تىلغان ئېلىنغان ھەسەن - ھۈسەن كۆللىرىدۇر. قۇياش نۇرىنىڭ چاقنىشى ئارقىسىدا، ھەسەن - ھۈسەن كۆلىنىڭ سۈيى ئاق، سېرىق، قىزىل، يېشىل ۋە كۆك رەڭدىن ئىبارەت بەش خىل رەڭ تۈسىنى ئالىدۇ. رەڭ قاتلىمى ناھايىتى ئېنىق بولۇپ ئىنتايىن چىرايلىق كۆرۈنىدۇ.
ھەسەن - ھۈسەن كۆلىنىڭ سۈيىدە بىرلا ۋاقىتتا بەش خىل رەڭنىڭ پەيدا بولۇشى شۇ جايدىكى يەر پوستىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى دۆلىتىمىزنىڭ چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكى رايونى ئەسلىدە دېڭىز بولۇپ، كېيىن يەر پوستىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، دېڭىز تېگى كۆتۈرۈلۈپ قۇرۇقلۇققا ئايلىنىپ قالغان، ھەسەن - ھۈسەن كۆلىنىڭ ئورنى تۆۋەن بولغاچقا كۆل بولۇپ شەكىللەنگەن. ئۇ چاغلاردا چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ كىلىماتى نەم ئىسسىق، تۇپرىقى قىزىل بولغاچقا، كۆل سۈيىنى قىزىل توپا چاقنىتىپ قىزغۇچ تۈسكە كىرگۈزگەن. تۆتلەمچى دەۋرگە كەلگەندە، كۈچلۈك شىمال بورىنى سېرىق توپىنى ئۇچۇرۇپ كەلگەن، بۇ سېرىق توپىلا قىزىل توپىلىق كۆل بويىغا تىنىپ قالغاچقا، كۆل سۈيى سېرىق توپىنىڭ چاقنىتىشى بىلەن يەنە سېرىق تۈسكە كىرگەن. كېيىن چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكى ئۈزلۈكسىز ئېگىزلەپ، كىلىماتى قۇرغاقلاشقان، ئۇزاق مۇددەت قۇرغاقلىشىش كۆل سۈيىنىڭ كۈچلۈك پارتلىىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، شۇنىڭ بىلەن كۆل ياقىسىدا يەنە ھاك قاتلىمى شەكىللەنگەن، كۆل سۈيى ھاك قاتلىمىنىڭ چاقنىتىشى ئارقىسىدا ئاق تۈسكە كىرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە كۆلنىڭ بىر قەدەر چوڭقۇر جايلىرىدا، قۇياش نۇرىنىڭ چېچىلىشى كۆرۈلگەچكە كۆل سۈيىنىڭ بۇ بىر قىسمى كۆك ياكى يېشىل تۈسكە كىرگەن. بىر قانچە مىليون يىللىق ئۆزگىرىش جەريانىدا ھەسەن - ھۈسەن كۆلىنىڭ ئەتراپىدىكى توپىلار ئەمەلىيەتتە كۆپ قاتلام بولۇپ شەكىللەنگەن، ھەر - بىر قاتلام توپىنىڭ رەڭگى ئوخشاشمايدۇ، شۇڭا قۇياش نۇرىنىڭ چاقنىتىشى ئارقىسىدا كۆل سۈيى رەڭدار بولۇپ بەش خىل رەڭ تۈسىگە كىرىدىغان بولۇپ قالغان.