UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئەمچەكتىن ئايرىش مەزگىلىدە دادىنىڭ رولى بارمۇ؟

ئەمچەكتىن ئايرىش مەزگىلىدە دادىنىڭ رولى بارمۇ؟

نېمە ئۈچۈن بالىنىڭ ئەڭ بەك تايىنىدىغان ئوبيېكتى — ئانا ۋە ئانا سۈتى، ئەمچەكتىن ئايرىش جەريانىدا بالىنىڭ ئانىغا بولغان تايىنىشىنى ئازلىتىشمۇ ئوڭۇشلۇق ئەمچەكتىن ئايرىشنىڭ مۇھىم ئۆتكىلى. دادىنىڭ بۇ ۋاقىتتىكى رولىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ، دادا ۋاقتى كەلگەندە بالا تايىنىدىغان ئىككىنچى ئوبيېكت. ئەمچەكتىن ئايرىشتىن ئىلگىرى، ئانا ئاڭلىق ھالدا بالا بىلەن ئۇچرىشىش ۋاقتىنى ئازلىتىپ، دادىنىڭ بالىغا قاراش ۋاقتىنى كۆپەيتىش، بالىغا پسىخىكا جەھەتتىن لايىقلىشىش جەريانىنى تەييارلىشى كېرەك. ئەمچەكتىن ئايرىشنىڭ بىرىنچى باسقۇچى ئەمدىلا باشلانغاندا بولۇپمۇ كېچىسى ئېمىتىش سانىنى ئازايتىدىغان ۋاقىتتا، دادا بالىنى ئالداپ ئۇخلىتىشى كېرەك. بالىمۇ دەسلەپتە يىغلاپ ئۇنىماسلىقى مۇمكىن، بىراق ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئادەتلىنىپ قالىدۇ. كۈندۈزى ئېمىتىش سانىنى ئازايتقاندا، دادا بالا بىلەن كۆپرەك ئويناپ، بالا بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشى كېرەك. دەسلەپتە بالا رازى بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئادەتلىنىپ قالىدۇ، بالا دادىنىڭمۇ ئۆزىدىن ئوبدان خەۋەر ئالىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ - دە، ئانىغا بولغان تايىنىۋېلىشى بارغانسېرى ئازلايدۇ. دادىنىڭ بۇ مەزگىلدىكى ئوينايدىغان رولى بىر ئاز <رەھىمسىز> بولسىمۇ، بىراق چوقۇم داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە