نېمە ئۈچۈن ئاسماندا بەزى چاغدا بىر قانچە قۇياش پەيدا بولۇپ قالىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
1551 - يىل 4 - ئاينىڭ بىر كۈنى، گېرمانىيىدىكى ماگدېبۇرگ قورغىنى دۈشمەن ئارمىيىسىنىڭ قورشاۋىدا قېلىپ، ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ. شۇ پەيتتە تۇيۇقسىز، ئاسماندائۈچ قۇياش پەيدا بولۇپ قالىدۇ، قورغاننى قورشىۋالغان دۈشمەن ئارمىيىسى ئۇنى يامانلىقىنىڭ بىشارىتى دەپ قاراپ، دەرھال چېكىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ماگدېبۇرگ قورغىنى ئاخىرى خەتەردىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ.
1790 - يىل 6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، روسىيىنىڭ پېتىربۇگ شەھىرىنىڭ ئاسىمىنىدىمۇ بىرلا ۋاقىتتا ئۈچ قۇياش پەيدا بولىدۇ، شەھەر ئاھالىسى بۇ غەلىتە ئەھۋالدىن ھاڭ تاڭ قېلىشىدۇ.
ئەلۋەتتە بۇ قۇياشلارنىڭ پەقەت بىرىلا راست، قالغىنى ساختا. بۇ <ساختا قۇياش> لار ئومۇمەن ئاسماندىكى بۇجغۇر قات بۇلۇتقا ئەگىشىپ پەيدا بولغان. بۇجغۇر بۇلۇت يەر يۈزىدىن 6000 مېتىر ئېگىزلىككە چىققاندا، تېمپېراتۇرا ناھايىتى تۆۋەن بولىدۇ، بۇلۇت قاتلىمىدىكى پار تەركىبىنىڭ كۆپىنچىسى توڭلاپ ئالتە قىرلىق ئۇششاق مۇز كرىستالىغا ئايلىنىدۇ، ئەگەر قۇياش نۇرى ئۇششاق مۇز كرىستالىنىڭ يان تەرىپىگە چۈشسە نۇر تالالىرىدا سۇنۇش كۆرۈلىدۇ. نۇر تالالىرى بىر قانچە قېتىم سۇنۇپ ئۆزگىرىش ياسىغانلىقتىن بۇجغۇر قات بۇلۇت قاتلىمىنىڭ ئوڭ - سول تەرەپلىرىدە بىرلا ۋاقىتتا ئىككى قۇياش پەيدا بولىدۇ. مانا بۇ قۇياش نۇرىنىڭ بۇلۇت قاتلىمىدىكى <ساختا قىياپىتى>، شۇڭا ئۇنى پەقەت <ساختا قۇياش> دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. بەزى چاغلاردا، قۇياش نۇرى مۇز كرىستالىغا چۈشكەندە، بەزى مۇز كرىستاللىرى ئالتە قىرلىق بولغاچقا، بۇ چاغدىكى قۇياش نۇرى خۇددى ئۈچ قىرلىق ئەينەكتىن ئۆتكەنگە ئوخشاش رەڭلەرگە ئاجرىلىپ چاقناپ تۇرغان رەڭلىك نۇر چەمبىرىكى ھاسىل قىلىپ، <ساختا قۇياش> نى قورشاپ تۇرىدۇ. بۇ خىل غەلىتە ئەھۋال دائىم ئۈچ قۇياشنىڭ بىرلا ۋاقىتتا پەيدا بولۇشىغا ئەگىشىپ كۆرۈلىدۇ. بۇ ھال كىشىلەرنىڭ بۇ كۆرۈنۈشكە بولغان سىرلىق تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋېتىدۇ.