UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئۇچۇر قانداق شىفىرلاشتۇرۇلىدۇ؟

ئۇچۇر قانداق شىفىرلاشتۇرۇلىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بىز ئادەتتە كۆرىدىغان گېزىت، ژۇرنال ۋە كىتابلاردا نۇرغۇن ئۇچۇر بار، ئۇلار ئاشكارا تارقىتىلىدۇ، شۇڭا ھەممە ئادەم خەۋەردار بولسا بولىدۇ. بىراق، بەزى ئۇچۇرلار سىياسىي، ھەربىي، ئىقتىسادىي مەخپىيەتلىككە چېتىلغاندا، ئاز بىر قىسىم كىشىلەرلا خەۋەردار بولۇشى كېرەك. شۇڭا، بۇ خىلدىكى ئۇچۇرلار چوقۇم شىفىرلاشتۇرۇلىدۇ. ئۇچۇرنى شىفىرلاشتۇرۇشتا، ئىككى تەرەپ ئالدىن مەخپىي كېلىشىۋېلىپ، ئالاھىدە بىر خىل شەكىل ئارقىلىق ئۇچۇرنى <پىششىقلاپ ئىشلەيدۇ>. <يېزىق> نى شىفىرلاشتۇرۇشتا <ئىشارەتلىك سۆز> ئىشلىتىلىدۇ. ئىشارەتلىك سۆز كۆپ خىل بولىدۇ: بەزىلىرىدە رەقەم ۋە بەلگىلەر ئۇچۇرغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، مەسىلەن، <1> رەقىمى <باشقۇرۇلىدىغان> دېگەن سۆزگە، <2> رەقىمى <سىنارەد> دېگەن سۆزگە ۋەكىللىك قىلسا، <12> رەقىمى <باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد> دېگەننى بىلدۈرىدۇ؛ بەزىلىرىدە، ئۇچۇردىكى ھەرپ ياكى سۆزنىڭ ئىلگىرى - كېيىنلىك تەرتىپى ئالماشتۇرۇۋېتىلىدۇ؛ يەنە بەزىلىرىدە، ئۇچۇر ئارىسىغا مۇناسىۋەتسىز بولغان يېزىق، بەلگە قوشۇپ قويۇلىدۇ ياكى ئۇچۇر باشقا تېكىست، جۈملە ئىچىگە يوشۇرۇپ قويۇلىدۇ. ئەگەر، رادىئو - تېلېۋىزىيە، تېلېفوندىكى سۆز ۋە سۈرئەتلەرنى شىفرلاشتۇرۇشقا توغرا كەلسە، شىفىرلاشتۇرغۇچ ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭدا تىل ۋە سۈرەت ئۇچۇرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئېلېكتر سىگنالىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە