بەش چاقلىق ئاپتوموبىلنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟
نېمە ئۈچۈن
نۇرغۇن ئاپتوموبىللارنىڭ پەقەت تۆتلا چاقى بولىدۇ. بىر قىسىم ئېغىر يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ چاقى كۆپرەك بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا جۈپ بولىدۇ. بىر خىل ئاجايىپ يۈك ئاپتوموبىلى بولۇپ، ئۇنىڭ بەش چاقى بار. شۇڭا، ئۇ <بەش چاقلىق ئاپتوموبىل> دەپ ئاتىلىدۇ. بەشىنچى چاقنىڭ رولى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. بەش چاقلىق ئاپتوموبىل 100 - 200 توننا ئېغىرلىقتىكى يۈكنى كۈتۈرەلەيدۇ. شۇڭا، ئۇ كانچىلىق قۇرۇلۇشىدا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ خىل ئاپتوموبىلنىڭ يۈك كۆتۈرۈش مىقدارى كۆپ بولۇپ، ئاساسلىقى كۈنچىلىق قۇرۇلۇشىدا قىسقا مۇساپىلىق يۈك توشۇشتا ئىشلىتلىدىغان بولغاچقا، ھەمىشە ئايلىنىشقا، بۇرۇلۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ئايلىنىش، بۇرۇلۇش ئېغىر يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئاجىزلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ئېغىر يۈك ئاپتوموبىللىرى كىچىك ئىش ئورۇنلىرىدا ئايلانماقچى بولسا قىيىنغا توختايدۇ. ۋاقىت ئۇزۇن كېتىدۇ. شۇڭا، يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ ھەرىكەتچانلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، لايىھىلىگۈچىلەر ئاپتوموبىلغا بەشىنچى چاقنى ئورناتقان.
بەش چاقلىق ئاپتوموبىلنىڭ بەشىنچى چاقى ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى قىسىمىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. ئاپتوموبىل ئۇدۇل ماڭغاندا، بەشىنچى چاق كۆتۈرۈلۈپ بىخەتەرلىك لىمىنىڭ ئاستىدا تۇرىدۇ. ئاپتوموبىل ئايلانغاندا، بۇرۇلغاندا، شوپۇر بەشىنچى چاقنى چۈشۈرىدۇ. ئۇنى سويۇقلۇق پرېسى كونترول قىلىدۇ، يەرگە چۈشۈرگەندە، ئاپتوموبىلنى كەينىدىكى ئىككى چاقى كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدۇ. بۇ چاغدا پۈتكۈل ئاپتوموبىلنى كەينىدىكى ئىككى چاق بىلەن بەشىنچى چاق كۆتۈرۈپ تۇرغان <ئۈچ چاقلىق ئاپتوموبىل>غا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئاپتوموبىلنىڭ تۆت تىرەش نۇقتىسىغا تاينىپ ئايلىنىشىغا قارىغاندا، ئۈچ تىترەش نۇقتىسىغا تاينىپ ئايلىنىشى ئوڭاي بولىدۇ. ئۈچ چاق بىلەن ئايلانغاندا، ئېغىر يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ ئايلىنىشى، بۇرۇلۇشى ناھايىتى تېز بولىدۇ ھەم ھەرىكەتچانلىقى يۇقىرى بولىدۇ، ئايلىنىش، بۇرۇلۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، شوپۇر بەشىنچى چاقنى كۆتۈرۈۋەتسە، ئاپتوموبىل يەنە ئەسلىدىكى تۆت چاقلىق ھالىتىگە قايتىپ، تۈز يولدا مېڭىۋېرىدۇ.