ئاسما كۆۋرۈك قانداق بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئاسما كۆۋرۈك خېلىلا ئۇزۇن تارىخقا ئىگەن. ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋرىدە بامبۇك، تال چىۋىقلاردىن توقۇپ ياسالغان ئاسما كۆۋرۈكلەر بار ئىدى. مىڭ سۇلالىسىگە كەلگەندە، ئېلىمىزدە تۆمۈر زەنجىردىن ياسالغان ئاسما كۆۋرۈكلەر بارلىققا كەلگەن. ئېلىمىزنىڭ غەربىي رايونىدىكى نىسبەتەن تار، چوڭقۇر جىلغا ۋە دەريا ئېقىنلىرىنىڭ ئۈستىدە بامبۇك، تال چىۋىقلاردىن توقۇپ ياسالغان ئاسما كۆۋرۈكلەرنى ھازىرمۇ كۆرگىلى بولىدۇ.
ھازىرقى ئاسما كۆۋرۈكلەر مۇنار تىرىكى، ئارقان، ئاسما بىلەك، لەڭگەر قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپىدۇ. دەسلەپكى مۇنار تىرىكى تاشتىن ياسىلاتتى، ھازىرقى مۇنار تىرىكى پولات - تۆمۈر ياكى پولات چىۋىقلىق بېتوندىن ياسالغان بولۇپ، مۇنارنىڭ ئاساسىي كۆۋرۈكىنىڭ ئاستىغا مۇقىملاشتۇرلغان بولىدۇ. ھازىرقى ئاسما كۆۋرۈكلەرنىڭ ئارقىنى يۇقىرى چىدامچانلىققا ئىگە بولغان پولات سىمدىن ياسىلىدۇ. مەسىلەن، ئامېرىكىنىڭ سان فرانسىسكو چوڭ چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ ئۇزۇقىنىڭ 1280 مېتىر، پولات مۇنارنىڭ ئېگىزلىكى 227 مېتىر بولۇپ، ئارقاننىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقى تەخمىنەن 11 مىڭ توننا. بۇنداق ئېغىرلىقتىكى ئارقاننى توقۇپ چىقىلغاندىن كېيىن، 200 مېتىردىن ئارتۇق ئېگىزلىكتىكى بوشلۇققا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس، ئەمما <بوشلۇقتا ئارقان توقۇش ئۇسۇلى> نى قوللىنىپ شۇ جايدىلا ياسالغاندا، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. توم، ئېغىر ئاسما تىرەك پولات مۇنارنىڭ ئۈستىگە جايلاشقان بولۇپ، مۇقىم نۇقتىسى كۆۋرۈكنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى يەر يۈزىگە ئورنىتىلىدۇ. كۆۋرۈكنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تاغ جىنسى قاتلىمىدا ئورا ياكى تونىل قېزىلىپ ئارقاننى مۇقىملاشتۇرۇغۇچى زاپچاسلار - لەڭگەر قوزىقى قاتارلىق نەرسىلەر ئىچىگە بېتون بىلەن قاتۇرۇپ مۇستەھكەملىنىدۇ؛ ئەگەر كۆۋرۈكنىڭ ئىككى تەرىپىدە تاغ جىنسى قاتلىمى بولمىسا، غايەت زور چوڭلۇقتىكى بېتون ياسىلىپ، ئارقاننىڭ مۇقىملاشتۇرغۇچىسى قىلىنىدۇ.
ھازىرقى ئاسما كۆۋرۈكلەر قاتناش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە ئىنتايىن چىرايلىق قۇرۇلۇش ھېسابلىنىدۇ.