قانداق ۋاقىتتا بالىنى ئەمچەكتىن ئايرىسائەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئەمچەكتىن ئايرىش دېگىنىمىز — ئانىنىڭ سۈتى بىلەن بالا باقمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، قانداق ۋاقىتتا ئەمچەكتىن ئايرىسا مۇۋاپىق بولىدۇ؟ جاۋابى خىلمۇخىل، يېزىلىرىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان ئانىلار بالىلىرىنى ئىككى - ئۈچ ياشقىچە ھەتتا بەش - ئالتە ياشقىچە ئېمىتىدۇ. ئەمچەكتىن ئايرىشنىڭ تەييارلىقى قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى بېرىشتىن باشلىنىدۇ، ئادەتتە بالا بەش - ئالتە ئايلىق بولغاندا مۇۋاپىق قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى يېسە، ئەمچەكتىن ئايرىش بىر ئاز ئوڭاي بولىدۇ. بالىنىڭ چوڭ بولۇشىغا ئەگىشىپ، خىلمۇخىل ئوزۇقلۇققا بولغان ئېھتىياجىمۇ كۆپىيىپ بارىدۇ، ئانا سۈتىنىڭ مىقدارى ۋە ئۆز ئىچىگە ئالغان تەركىبلەر بالىنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىيالمايدۇ. ئون ئاي ئەتراپىدا بولغان بالىلارنىڭ چىشى چىقىشقا باشلايدۇ، ئېغىز بوشلۇقىدا تىلىنىڭ ھەرىكىتىمۇ بارغانسېرى كۈچىيىدۇ. پۈتۈن ھەزىم قىلىش سىستېمىسى بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ، شۇڭا مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، ئانا بالىنى ئەمچەكتىن ئايرىشنى ئويلىشىپ باقسا بولىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەمچەكتىن ئايرىش ۋاقتى بالىنىڭ سەككىز ئايلىقتىن 12 ئايلىققىچە بولغان ۋاقتى ئەڭ مۇۋاپىق ئىكەن. كېچىككەندىمۇ 18 ئايلىقتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەككەن، بەك بالدۇر ئەمچەكتىن ئايرىۋەتسە، بالىنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى تولۇق يېتىلمىگەچكە، ئادەتتىكى يېمەكلىكتىن تولۇق ئوزۇقلۇققا ئىگە بولالمايدۇ. بەك كېيىن ئەمچەكتىن ئايرىسا، ئانا سۈتىدىكى ئوزۇقلۇقلار ئاللىقاچان ئۆزگىرىپ، بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئېھتىياجىغا ماس كەلمەيدۇ. بولۇپمۇ، بالىنىڭ چىشى چىققاندىن كېيىن يېمەكلىككە بولغان تەلىپى يۇقىرىلايدۇ، بىر قىسىم نەرسىلەرنى چىشلەپ چىشنى چېنىقتۇرىدۇ، شۇڭا ۋاقتىدا قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى بېرىش كېرەك.