UyghurWiki
UyghurWikiنەمەقەدىمكى شېئىرلارنى يادلىيالىغان بالا ئەقىللىق ھېسابلىنامدۇ؟

قەدىمكى شېئىرلارنى يادلىيالىغان بالا ئەقىللىق ھېسابلىنامدۇ؟

نېمە ئۈچۈن قەدىمكى شېئىرلارنى يادلاتقۇزغاندا، ئائىلە باشلىقلىرى ئاۋۋال قىسقا، مەزمۇنى ئىخچام، ئېغىزغا ئوڭاي كېلىدىغان داڭلىق شېئىرلارنى يادلاتقۇزۇپ، بالىلارنى ھۇزۇرلاندۇرۇش كېرەك. مەسىلەن: <مەڭگۈللۈك تۇرنا>، <جىمجىت كېچىدىكى ئەسلەش>، <باھار> دېگەندەك شېئىرلار بالىلارنىڭ قەدىمكى شېئىرلارنى ئۆگىنىش ئارزۇسىنى قوزغايدۇ. ئارقىدىنلا، بالىلار تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، شەكلى ئاددىي، مەزمۇنى ئىخچام بولغان بالىلار ئەسەرلىرىنى تاللاپ يادلاتسا بولىدۇ. بىراق يادلىتىش جەريانىدا، بالىلارنىڭ قەدىمكى شېئىرنىڭ مەزمۇنىنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىشكە دىققەت قىلغاندا، بالىغا يەنە قەدىمكى شېئىرلارنى يادلاتقۇزغاندا، بالا ئوڭاي ئۆگىنىۋالىدۇ. ئوڭاي ئېسىدە ساقلىيالايدۇ، قەدىمكى شېئىرلارنى يادلاش جەريانىدا، ئائىلە باشلىقلىرى بىلەن بالا ئۆزئارا بىر جۈملە، بىر جۈملىدىن يادلىسا، بالا ئاخىرىدا مۇستەقىل يادلىيالايدۇ. ئومۇملاشتۇرغاندا، خىلمۇخىل ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ قەدىمكى شېئىرلارنى يادلاتقۇزغاندا، بالىلارنىڭ قەدىمكى شېئىرلارنى ئۆگىنىش ئاكتىپچانلىقىنى قوزغىغىلى بولىدۇ. يەنە بالىنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ، پۇختا ئىگىلەش ئاساسىدا، بالىنىڭ بىلىمىنى بېيىتىش كېرەك. بىراق پەقەت قەدىمكى شېئىرلارنى يادىلىغان بالا ئەقىللىق بولۇشى ناتايىن. بولۇپمۇ ئۆلۈك ھالدا يادلىغاندا، بالىنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشىنى تورمۇزلاپ قويىدۇ. پەقەت بالىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ھالەتتىكى ئالاھىدىلىكى، قىزىقىشى، ھەۋىسىدىن پايدىلىنىپ، قەدىمكى شېئىر مەزمۇنىنى چۈشىنىش ئاساسىدا، بالىغا قەدىمكى شېئىرلارنى يادلاتقۇزۇش ھەم بالىنىڭ ئۆگەنەن قەدىمكى شېئىرلارنى مۇۋاپىق ئىشلىتىشكە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندا، ئاندىن قەدىمكى شېئىرلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بالىنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي ياردەم بەرگىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە