UyghurWiki
UyghurWikiنەمەيېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ھامىلە يېغىنى قانداققوغداش كېرەك؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ھامىلە يېغىنى قانداققوغداش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن ھامىلە يېغى ئىسسىقلىق ساقلاش، تېرە ئاسراش، باكتېرىيىلەرنىڭ يۇقۇملاندۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىغا ئىگە بولغانلىقتىن، بوۋاق تۇغۇلۇپ بىرىنچى قېتىم يۇيۇندۇرغاندىلا سوپۇن بىلەن پاكىز يۇيۇپ چىقىرىۋەتمەسلىك كېرەك. ھامىلە يېغىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئەڭ توغرا ئۇسۇل دەسلەپتە ئۆسۈملۈك يېغىنى مىكروبسىزلاندۇرۇپ ئاندىن پاكىز داكا بىلەن ئازراق ئۆسۈملۈك يېغىغا چىلاپ ئېلىپ، ئاستا بويۇن قىسمى، قولتۇق ئاستى، يىرىق قاتارلىق ئورۇندىكى قېلىنراق ھامىلە يېغىنى سۈرتۈۋېتىپ، ھامىلە يېغىنىڭ پارچىلىنىپ ياغ كىسلاتاسى ھاسىل قىلىپ، قىسمەن تېرىلەرنى غىدىقلاپ چىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. لېكىن باشقا ئورۇنلاردىكى ھامىلە يېغىنى سۈرتمەسلىك كېرەك. ھامىلە يېغىنى مۇشۇنداق بىر تەرەپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن بوۋاققا كىيىم كىيدۈرۈپ يۆگىسە بولىدۇ. تۇغۇلۇپ بىر كۈندىن ئۈچ كۈنگىچە تېرىنىڭ سۈمۈرۈشى، كىيىمنىڭ سۈركىلىشى ھەمدە بوۋاقنى كۈندىلىك كۈتۈش جەريانىدا ھامىلە يېغى ئاستا - ئاستا يوقايدۇ ھەمدە بۇ جەرياندا، بوۋاقمۇ ئەتراپتىكى مۇھىتنىڭ تېمپېراتۇرىسى ۋە كىيمىنىڭ سۈركىلىپ غىدىقلىشىغا ماسلىشىپ كېتىدۇ. بۇنداق بولغاندا ھامىلە يېغى ئۆزىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرغان بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە