UyghurWiki
UyghurWikiنەمە<ئەقلى ئىقتىدارلىق شېغىل> دېگەن نېمە؟

<ئەقلى ئىقتىدارلىق شېغىل> دېگەن نېمە؟

نېمە ئۈچۈن <ئەقلى ئىقتىدارلىق شېغىل> ئادەتتىكى بىر خىل شېغىل ئەمەس، بەلكى ئىنتايىن ئىلغار بىر خىل ئالەم بوشلۇقى توسقۇچى قورالى. <ئەقلى ئىقتىدارلىق شېغىل> نىڭ سىرتقى شەكلى كىچىك تىپتىكى بىر دانە باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدكىلا ئوخشىشىدۇ، ئۇزۇنلۇقى بىر مېتىرغىمۇ يەتمەيدۇ، دىئامېتىرى تەخمىنەن 3.0 مېتىر كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئاساسىي گەۋدە قىسمى يۈكسەك ئەقلىي ئىقتىدارغا ئىگە بىر دانە توسقۇچ سىنارەد بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىقتىدارى ئىنتايىنن كۈچلۈك مىكرو كومپيۇتېر، پەرقلەندۈرۈش نىسبىتى يۇقىرى تەكشۈرۈش ئەسۋابى ۋە خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ئورنىتىلغان. ئۇ ھاۋا بوشلۇقى ئوربىتىسىغا جايلاشتۇرۇلغاندا، نەچچە مىڭ كىلومتېرى يىراقلىقتىن ئۇچۇپ كېلىۋاتقان باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنى سەزگۈرلۈك بىلەن تەكشۈرۈپ چىقالايدۇ ھەم كومپيۇتېر ئارقىلىق كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە ھۆكۈم چىقىرىپ ۋە ھېسابلاپ، ئۆزىدىكى رېئاكتىۋ ماتورنى قوزغىتىپ، توسقۇچى سىنارەدنى نىشانغا قاراپ ئۇچۇش ۋە نىشاننى ۋەيران قىلىشقا يېتەكلەيدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، <ئەقلى ئىقتىدارلىق شېغىل> دىكى خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى يەنە تەكشۈرۈپ بايقىغان ئۇچۇرلارنى قوماندانلىق تارماقلىرىغا، يەنى ئالەم بوشلۇقىغا جايلاشتۇرۇلغان ئالەم پونكىتى، سۈنئىي ھەمراھ ۋە ئالەم ئايروپىلانلىرىغا يەتكۈزۈپ بېرىپ، ئومۇمىي مۇداپىئە تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەشكە قۇلايلىق تۇغدۇرىدۇ. <ئەقلى ئىقتىدارلىق شېغىل> نى باشقا ئالەم بوشلۇقى قوراللىرىغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ھەجىمى كىچىك، تەننەرخى تۆۋەن. چوڭ تىپتكى بىر راكېتا بىر قىېتىمدا 100 دىن ئارتۇق <ئەقلى ئىقتىدارلىق شېغىل> نى ئېلىپ يۈرەلەيدۇ ھەم ئۇلارنى ئالەم بوشلۇقىدىكى ئوخشاشمىغان ئوربىتىلارغا تارتقاق جايلاشتۇرالايدۇ. پۈتكۈل مۇداپىئە سىستېمىسى نەچچە ئون مىڭ دانە <ئەقلى ئىقتىدارلىق شېغىل> دىن تەركىب تاپىدۇ، بۇ دۈشمەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدىنى زىچ قامال قىلالايدۇ. <ئەقلى ئىقتىدارلىق شېغىل> ئۆزىنى ئۆزى ھۆكۈم چىقىرىپ، ئۆزى زەربە بېرەلەيدىغانلىقتىن، ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇش دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان بىر خىل توسقۇچى قورال ھېسابلىنىدۇ، ئۇ كەلگۈسىدىكى ئالەم ئۇرۇشىدا ئىنتايىن ئۈنۈملۈك رول ئوينىغۇسى.
← بارلىق تېمىلار نەمە
<ئەقلى ئىقتىدارلىق شېغىل> دېگەن نېمە؟ | UyghurWiki | UyghurWiki