نورمال تۇغۇلغان بوۋاق دېگەن نېمە؟
نېمە ئۈچۈن
ئاي كۈنى تولغان بوۋاق 34 ھەپتىلىكتىن چوڭ 42 ھەپتىلىكتىن كىچىك (259 - 294 كۈن) تۇغۇلغان بوۋاقلارنى كۆرسىتىدۇ. نورمال تۇغۇلغان بوۋاقلار تۇغۇلغاندا ھامىلە يېشى 24 ~ 37 ھەپتىگە تولغان، بەدەن ئېغىرلىقى 5.2 ~ 4 كىلوگرامغىچە بولغان، ھېچقانداق غەلىتىلىك ھەم كېسەللىك ئالامەتلىرى بولمىغان ئاي كۈنى تولغان بوۋاقلارنى كۆرسىتىدۇ.
نورمال تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بەدەن ئالاھىدىلىكى: پۇت - قولى ئەگمە شەكىلدە، تېرە رەڭگى قىپقىزىل، تېرە ئاستى مايغا تولغان، چېچى ئاز، چاچ تىلىمچىلىرى ئېنىق، كۆمۈرچىكى ياخشى يېتىلگەن، قۇلاق سۇپۇرىسى تىك شەكىللەنگەن بولىدۇ، ئەمچەك توپچىسى چىقىپ تۇرىدۇ، ئەتراپىدىكى ھالقىسىمان قارا داغ ئېنىق، سۈت بېزىنى باسقاندا تۈگۈنچىلەرنى بىلگىلى بولىدۇ، تىرنىقى بارماق ئۇچىدىن ئېشىپ تۇرىدۇ، پۇت ئاستىدىكى بارلىق سىزىقلار ئېنىق، ئوغۇل بوۋاقلارنىڭ ئۇرۇقدىنى كۆپىنچىسى ئۇرۇقدان خالتىسىنىڭ تۆۋىنىگە چۈشۈپ تۇرىدۇ، ئۇرۇقدان خالتىسىدىكى قورۇقلار شەكىللەنگەن بولىدۇ، قىز بوۋاقلارنىڭ چوڭ جىنسىي لەۋ يېتىلگەن بولۇپ، كىچىك جىنسىي لەۋنى ياپالايدۇ.