UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالا ئىمىتىۋاتقان ئاياللار كالتسىي تولۇقلاشكېرەكمۇ - يوق؟

بالا ئىمىتىۋاتقان ئاياللار كالتسىي تولۇقلاشكېرەكمۇ - يوق؟

نېمە ئۈچۈن بىز ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىن باشلاپ كالتسىي تولۇقلاشنى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتىمىز، ناھايىتى نۇرغۇنلىغان ياشانغان كىشىلەر بالا ئېمىتكەن مەزگىلدە ئانىنىڭ سۆڭىكى ئوڭاي شالاڭشىيدۇ دەپ قارىشىدۇ. بۇ خىل كۆزقاراش پۈتۈنلەي توغرا ئەمەس. ھامىلىدار ۋە بالا ئېمىتكەن مەزگىلدە ئانىنىڭ بەدىنى بىر قىسىم ئۈچەي يولىنىڭ كالتسىيغا بولغان سۈمۈرۈش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ھورمۇنلىرىنى ئاجرىتىپ، بۆرەك، جىگەردىكى كالتسىينىڭ ئېقىپ كېتىشى بىلەن كالتسىي توپلىنىدۇ. بىراق بۇ خىل كالتسىي سۈتكە كىرگەندىن كېيىن بالىنىڭ ئېھتىياجىنى قامدايدۇ، ئانا تېنىنىڭ كالتسىينى ساقلىشى ئانچە دىققەت قىلىنمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئانا تېنىدىكى كالتسىي بارغانسېرى يوقايدۇ. بىراق بۇخىل ھادىسە ۋاقىتلىق بولۇپ، بالىنى ئەمچەكتىن ئايرىغاندىن كېيىن ئانا تېنى تېخىمۇ كۆپ كالتسىينى قوبۇل قىلىپ، بالا ئېمىتكەن مەزگىلدىكى كالتسىينىڭ ئېقىشىنى تولۇقلاش كېرەك. شۇنداقلا ئانىنىڭ سۆڭەكلىرىدىكى كالتسىي قويۇقلىشىپ، سۆڭەكلىرىمۇ پۇختا بولىدۇ. تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشىچە، بالا ئېمىتكەن ئاياللاردا سۆڭەك سۇنۇش ياكى سۆڭەك شالاڭلىشىش پۇرسىتى ناھايىتى ئاز بولىدىكەن. مۇشۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، داۋاملىق كالتسىي تولۇقلاش بىلەن بىرگە، ئانىلار بالا ئېمىتكەن مەزگىلدىكى كالتسىينىڭ ئېقىپ كېتىشىگە پەرۋا قىلماي، پەقەت بالا ئېمىتىش خۇشاللىقىغا چۆمۈشى كېرەك
← بارلىق تېمىلار نەمە