UyghurWiki
UyghurWikiنەمەدەل - دەرەخلەر قەھرىتان سوغۇق پەسلىدىن قانداق ئۆتىدۇ؟

دەل - دەرەخلەر قەھرىتان سوغۇق پەسلىدىن قانداق ئۆتىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن قىش باشلىنىشى بىلەن مۇتلەق كۆپ ساندىكى دەرخلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى سارغىيىپ، شامالنىڭ ئۇچۇرتىشى بىلەن يەر يۈزىنى يوپۇرماقلار قاپلايدۇ، يالىڭاچلانغان غول - شاخلارنىڭ قىلچە ھاياتىي كۈچى قالمىغاندەك كۆرۈنىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ دەرەخلەر قىشتىن چىقىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىپ بولغان. لېكىن يەنە بەزى دەرەخلەر ھەر قانداق سوغۇق شامال، قار - مۇز، قىرو ئۈششۈكى بولسىمۇ يەنىلا شاخ - يوپۇرماقلىرى باراقسان ئۆسۈپ، ياپيېشىل بولۇپ قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. بۇ دەرەخلەرنى كۆزەتكىنىمىزدە ئۇلارنىڭ يوپۇرماقلىرىنىڭ تولىسى يىڭنىسىمان بولۇپ، يوپۇرماق يۈزىدە قېلىن بىر قەۋەت موم بولىدىغانلىقىنى بايقايمىز. بۇنداق بولغاندا، دەرەخ ھەم سۇنىڭ پارغا ئايلىنىشىنى ئازايتالايدۇ، ھەم سوغۇققا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ ئىچكى قىسىمدكى فىزىئولوگىيىلىك ئەھۋالدىمۇ ئۆزگىرىش بولىدۇ. ئوزۇقلۇق تەركىبلەرنىڭ سەرپىياتى ئوزۇقلۇق جۇغلىنىشىدىن كۆپ بولىدۇ. لېكىن كۈز كىرگەندە، كۈندۈزى تېمپېراتۇرا يۇقىرى، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى كۈچلۈك، يوپۇرماقلارنىڭ فوتوسىنتېز رولى كۈچەيگەن بولىدۇ. ئەمما كېچىسى تېمپېراتۇرا تۆۋەن، دەرەخلەرنىڭ ئۆسۈشى ئاستا، ئوزۇقلۇق تەركىبلەرنىڭ سەرپىياتى ئاز بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن دەرەخ تېنىدىكى ئوزۇقلۇق تەركىبلەرنىڭ توپلىنىشى سەرپىياتتىن چوڭ بولىدۇ. تېمپېراتۇرىنىڭ يەنىمۇ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، دەرەخنىڭ ئىچكى قىسمىغا توپلانغان كراخمالنىڭ بەزىلىرى ئۆزگىرىپ شېكەرگە، بەزىلىرى ئۆزگىرىپ ياغقا ئايلىنىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى سوغۇققا تاقابىل تۇرىدىغان ماددىلار بولۇپ، دەرەخنى مۇھاپىزەت قىلىپ ئۈششۈپ قېلىشتىن ساقلاشقا ياردەم بېرىدۇ. مىكروسكوپتا كۆزەتكەندە، ئەسلىدىكى بىر - بىرىگە باغلانغان ھۈجەيرە توقۇلمىلىرىدا، بۇ ۋاقىتتا ھۈجەيرىلەرنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرغان يىپچىلارنىڭ پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەنلىكىنى، يەنە كېلىپ ھۈجەيرە دىۋارى بىلەن پروتوپلازمىدا بۆلۈنۈش پەيدا بولغانلىقىنى بايقايمىز. بۇنداق بولغاندا، ھۈجەيرە توڭلىسىمۇ پروتوپلازمىغا تۇتاشمايدۇ. بىز پروتوپلازما ئىچىدە ھۈجەيرىنىڭ ھاياتلىق ماددىسى - يادرو كىسلاتاسى بىلەن ئاقسىلنىڭ بولىدىغانلىقىنى بىلىمىز. شۇنداق ئۆزگىرىشلەر بولغاچقا، دەل - دەرەخلەر قەھىرتان سوغۇق پەسلىدىن تىنچ - ئامان ئۆتەلەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە