قاتتىق سوغۇق مەزگىلىدە ھامىلىدار ئاياللار سىرتقاچىقسا بولامدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
قاتتىق سوغۇق مەزگىلىدە، ھامىلىدار ئاياللار دائىم سىرتقا چىقماسلىقى كېرەك. ئالدى بىلەن ھامىلىدار ئاياللار سوغۇققا ئۇچرىغاندىن كېيىن قان بېسىمى ئۆرلەپ، قاندا ئۆزگىرىش بولىدۇ. قان قويۇلۇپ، قاننىڭ يېپىشقاقلىق دەرىجىسى يۇقىرىلاپ، ھامىلىدارلىق يۇقىرى قان بېسىمى سندرۇمى (يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى) ىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، قىش پەسلى بولسا خىلمۇخىل نەپەسلىنىش يولى يۇقۇملۇق كېسىلى كۆپ تارقىلىدىغان پەسىل بولۇپ، ھامىلىدار ئاياللار دائىم سىرتقا چىقسا، يۇقۇملىنىش پۇرسىتى ناھايىتى كۆپ بولىدۇ شۇنداقلا قىش پەسلىدە قار كۆپ ياغقاچقا، يول ئىنتايىن تېيىلغاق بولۇپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھامىلىدار ئاياللار ئوڭاي يىقىلىپ چۈشىدىغان ئەھۋاللار كۆپ يۈز بېرىپ، بويىدىن ئاجراش ۋە ۋاقتى توشماي تۇغۇش ھادىسىلىرى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، قەھرىتان سوغۇق پەسلىدە ھامىلىدار ئاياللار سىرتقا ئاز چىقىشى كېرەك. ئەگەر مۇھىم ئىشلار تۈپەيلىدىن ۋە ياكى دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتىدىغان ئىشلار تۈپەيلىدىن سىرتقا چىقىشقا توغرا كەلسە، چوقۇم قېلىنراق كىيىنىپ، باش كىيىمى كىيىپ، ماسكا تاقاپ، تېيىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئاياغ كىيىپ، ئەڭ ياخشىسى بىرەر ئادەمنى ھەمراھ قىلىپ بېرىشى كېرەك