قىزىل دولقۇن قانداق شەكىللىنىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ دېڭىز بويى رايونلىرىدا دائىم كەڭ كۆلەمدە قىزىل دولقۇن پەيدا بولىدىغان بولۇپ قالدى. قىزىل دولقۇننىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، دېڭىز تەۋەيىمىزدە بېلىق، راك، قۇلۇلىلەر كۆپلەپ ئۆلۈپ كېتىپ، كىشىنى ئېچىندۇرىدىغان ئىقتىسادىي زىيان بولدى. تېخىمۇ ئېغىر بولغىنى شۇكى، قىزىل دولقۇن پەيدا بولغان چاغدا، يەنە زور تۈركۈمدىكى ئاھالىلەر دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى يېگەنلىكتىن، قورساق ئاغرىش، ئىچى ئېلىشىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ ئۇلارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتتى.
قىزىل دولقۇن دېڭىز - ئوكيانلاردا ياشايدىغان بەزى جانلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ مەلۇم مۇھىت ۋە شارئىتقا توغرا كەلگەندە پەيدا بولۇپ جىددىي كۆپىيىدىغان ياكى كۆپلەپ بىر يەرگە جەم بولۇپ، كەڭ كۆلەمدىكى دېڭىز سۈيىنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتىۋېتىدىغان بىر خىل ھادىسە. قىزىل دولقۇن كېلىش ئالدىدا، دېڭىز - ئوكيان جانلىقلىرىنىڭ نەپەس يوللىرىنى تېز ئاۋۇيدىغان لەيلىمە جانلىقلار توسۇۋالغانلىقتىن، دېڭىز - ئوكيان جانلىقلىرى كۆپلەپ ئۆلۈپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، لەيلىمە جانلىقلارنىڭ تېز كۆپىيىشى ۋە دېڭىز - ئوكيان جانلىقلىرىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى دېڭىز سۈيىدىكى نۇرغۇن ئوكسىگېننى خورىتىۋېتىپ، دېڭىز سۈيىنى جانلىقلار ياشىيالمايدىغان <ئۆلۈك سۇ> غا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. قىزىل دولقۇن يەنە زەھەرلىك ماددىلارنى چىقىرىپ، مۇھىت ۋە ئىنسانلارغا خېلى ئېغىر زىيانلارنىمۇ يەتكۈزىدۇ.
قىزىل دولقۇن پەيدا بولۇشتا ئاساسلىقى مۇنداق ئىككى خىل سەۋەب بار: بىرى، ئىنسانلارنىڭ ئىقتىسادىي ۋە تۇرمۇش سەۋىيىسى تەرەققىي قىلىپ، دەريا - ئېقىنلارغا قويۇپ بېرىدىغان بۇلغانغان سۇلارنىڭ مىقدارى ئاشقانلىقتىن، دېڭىز بويلىرى قاتتىق بۇلغانغان. يەنە بىرى، سۈنئىي باقمىچىلىق كۆلچەكلىرىدىكى كېرەكسىز سۇلار كۆپلەپ چىقىرىۋېتىلگەنلىكتىن، قىسمەن رايونلارنىڭ ئۆز - ئۆزىنى بۇلغىشى تېخىمۇ ئېغىر بولغان. بۇنىڭدىن باشقا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دېڭىز - ئوكيانلارنىڭ تەبىئىي مۇھىتى بىلەن ھاۋا كىلىماتىدا ئۆزگىرىش بولۇش، مەسىلەن، دېڭىز سۈيىنىڭ ئېقىشى ناچار بولۇش، پۈتۈن يەر شارى كىلىماتىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى قاتارلىقلارمۇ قىزىل دولقۇننىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن.