UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن ئوق ئۆتمەس ئەينەككە ئوق ئۆتمەيدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئوق ئۆتمەس ئەينەككە ئوق ئۆتمەيدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئەينەك كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان بىناكارلىق ماتېرىيالى. ئۇنىڭ بىر ئەجەللىك ئاجىزلىقى چىداملىقلىقى ۋە ئەۋرىشىملىكلىكى ناھايىتى ناچار، تاشلىسىلا چېقىلىپ كېتىدۇ، ئەمما ئالاھىدە بىر خىل ئەينەك بار بولۇپ، ئۇ ئىنتايىن چىداملىق ھەتتا ئوقنىمۇ توسۇيالايدۇ، مان بۇ ئوق ئۆتمەس ئەينەك. راستنى ئېيتقاندا ئوق ئۆتمەس ئەينەكنى تامامەن ئەينەكمۇ دەپ كەتكىلى بولمايدۇ، ئۇ ئەينەك بىلەن سۇلياۋدىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن بىرىكمە ماتېرىيال. مەلۇم تېمپېراتۇرا ۋە بېسىم شارائىتىدا سۇلياۋ پليونكا بىلەن ئەينەكنى بىر قەۋەت - بىر قەۋەتتىن دەستىلەپ، ئاندىن ئۇلارنى بېسىپ بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرسا بىر پارچە ئوق ئۆتمەس ئەينەك بولىدۇ. ئوق ئۆتمەس ئەينەك سۈزۈك بولسىمۇ، لېكىن، ئۈستىگە ئوق تەگكەندە سۇلياۋ پليونكا ئۇنىڭ زەربە ئېنېرگىيىسىنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە ھەتتا نۆلگە چۈشۈرۈپ قويىدۇ، شۇڭا ئوق تېشىپ ئۆتەلمەيدۇ. ئوخشاشلا مېتالنىڭ زەربىسىمۇ ئوق ئۆتمەس ئەينەكنى چېقىۋېتەلەيدۇ، ئەمما تېشىپ ئۆتەلمەيدۇ. چېقىلغان تەقدىردىمۇ ئەينەك چېقىقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سۇلياۋ پليونكا قاتلىمىغا چاپلىشىپ قالىدۇ، ياخشى يېرى چاچرىمايدۇ، ئادەمگە زىيان يەتكۈزمەيدۇ. ئوق ئۆتمەس ئەينەكنىڭ مۇشۇ ئالاھىدىلىكلىرى تۈپەيلىدىن ئايروپىلاننىڭ، تانكىنىڭ دېرىزە ئەينىكى، بانكىنىڭ مۇھاپىزەت ئەينىكى شۇنىڭدەك ئالتۇن زىبۇزىننەت قاتارلىق قىممەتلىك بۇيۇملارنىڭ كۆرگەزمە ئىشكاپى ۋە نۇرغۇنلىغان ئالاھىدە خىزمەت، تۇرمۇش سورۇنلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئوق ئۆتمەس ئەينەك ئىشلىتىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
نېمە ئۈچۈن ئوق ئۆتمەس ئەينەككە ئوق ئۆتمەيدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki