ئايۋانلىق كۆۋرۈك ئېگىز تاغنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان ناھايىتى ئەتىۋارلىق قۇرۇلۇشمۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئېلىمىزنىڭ جېجياڭ - فۇجىيەن چېگرىسىدىكى ئېگىز تاغلارنىڭ ئىچكىرىسىدە، مەسىلەن، جېجىياڭنىڭ تەيشۈن، جېڭنىڭ ۋە فۇجىيەننىڭ شۇنىڭ قاتارلىق ناھىيلىرىدە ئايۋانلىق كۆۋرۈك ياسالغان. ئېقىن ۋە تار جىلغىلارنىڭ ئۈستىگە ياسالغان بۇ ئايۋانلىق كۆۋرۈكلەرنىڭ ياسىلىشى ئۆزگىچە بولۇپ، ئۇزۇن تارىخقا ئىگەن.
جېجىياڭنىڭ جەنۇبى، فۇجيەننىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلاردا ئېقىن، جىلغىلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئايۋانلىق كۆۋرۈكلەر ھەممە جايغا تارقالغان. ئايۋانلىق كۆۋرۈك ياغاچ ئەگمە كۆۋرۈك ۋە تاش ئەگمە كۆۋرۈك دەپ ئايرىلىدۇ. بۇنىڭدا ياغاچ ئەگمە كۆۋرۈك كۆپ قىسىمنى تەشكىل قىلدۇ. ئايۋانلىق كۆۋرۈكنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى شۇكى، كۆۋرۈكنىڭ ئۈستىگە ئىككى قەۋەتلىك ياكى ئۈچ قەۋەتلىك ئاۇيۋان ياسالغان. مەسىلەن، تەيشۈندىكى قەدىمىي بازارغا جايلاشقان جىلغىنىڭ ئۈستىگە ئىككى داڭلىق ياغاچ ئەگمە ئايۋانلىق كۆۋرۈك ياسالغان. جىلغىنىڭ شىمالىدىكى كۆۋرۈك چىڭ سۇلالىسى كاڭشىنىڭ 13 - يىلى (مىلادىيە 1674 - يىلى) ياسالغان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 7.51 مېتىر، ئېگىزلىكى 2.11 مېتىر كېلىدۇ، جىلغىنىڭ شەرقىدىكى كۆۋرۈك مىڭ سۇلالىسىدىكى لۇڭچىڭنىڭ 4 - يىلى (مىلادىيە 1570 - يىلى) ياسالغان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 7.41 مېتىر، كەڭلىكى 9.4 مېتىر، ئېگىزلىكى 4.10 مېتىر كېلىدۇ. كۆۋرۈك شىپاڭى يېشىل، كۆك خىش - كاھىشلاردىن قوپۇرۇلغان، لىم - ياغاچلىرى نەقىشلەنگەن بولۇپ، ئوردا شەكلىدىكى قۇرۇلۇشقا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. يەنە شېشياڭدىكى جىڭنىڭغا جايلاشقان دائاخۇگۇەن چوڭ كۆۋرۈكى (يەنە شۈيۋا كۆۋرۈكى، فېڭشۈي كۆۋرۈكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) چىڭ سۇلالىسىدىكى چيەنلۇڭ يىللىرىدا (1736 - 1795 - يىللىرى) ياسالغان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 26 مېتىر، كەڭلىكى يەتتە مېتىر بولۇپ، ئىككى تۆشۈكى بار. كۆۋرۈكنىڭ ئۈستىدە ئۈچ قەۋەتلىك ئايۋان بولۇپ، ئاستىنقى قەۋىتىدىكى يولدا يولۇچىلار ھۆل - يېغىن، بوران - چاپقۇندىن دالدىلىنىدۇ، سالقىنلايدۇ؛ ئىككىنچى قەۋىتىدە ئۇزۇن يول يۈرگۈچىلەر ئاخشىمى تۈنەيدۇ؛ ئۈچىنچى قەۋىتى ھۇزۇرلىنىدىغان جاي بولۇپ، ساياھەتچىلەر يىراقلاردىكى تاغ - دەريا مەزىرىلىرىدىن ھوزۇرلىنىدۇ.
ئايۋانلىق كۆۋرۈك تاغلىق رايونلارنىڭ قاتنىشىغا قۇلايلىق يارىتىپلا قالماي، يەنە چوڭقۇر مەدەنىيەت ئۇقۇمىغا ۋە ئۆزگىچە سەنئەت قىممىتىگە ئىگە بولۇپ، دۇنيادىكى ئاز ئۇچرايدىغان مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.