UyghurWiki
UyghurWikiنەمەتۆمۈر يېتىشمەسلىك خاراكتېرلىك قان ئازلىقنىڭقانداق ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

تۆمۈر يېتىشمەسلىك خاراكتېرلىك قان ئازلىقنىڭقانداق ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن تۆمۈر يېتىشمەسلىك خاراكتېرلىك قان ئازلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئالدى بىلەن تازىلىق جەھەتتە تەشۋىق ۋە تەربىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىن باشلاپ، ياش ئاتا - ئانىلارغا بۇ كېسەلنىڭ بوۋاققا نىسبەتەن خەتەرلىكلىكى ۋە ئالدىنى ئېلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇتۇش. كونكرېت ئالدىنى ئېلىش ئامىللىرى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: 1. ئانا سۈتى بىلەن بېقىش، ۋاقتىدا تۆمۈر مىقدارى كۆپ بولغان ۋە ئاسان ھەزىم بولىدىغان قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى قوشۇپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلىش. مەسىلەن: تۇخۇم سېرىقى، ھايۋانات جىگىرى، ئورۇق گۆش قاتارلىقلار. لېكىن يېمەك - ئىچمەكنىڭ مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇلۇشتۇرۇپ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقانلىشىپ كەتمەسلىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك. ئالاھىدە كۆرسىتپ بېرىلىدىغان بىر نۇقتا، ئەگەر بوۋاق كالا سۈتى بىلەن بېقىلغان بولسا چوقۇم كالا سۈتىنى ئىسسىتىۋېتىش ئارقىلىق كالا سۈتىگە زىيادە سەزگۈرلۈكتىن ئۈچەي يولى ئاز مىقداردا قان يوقىتىش تۆمۈر يوقىتىپ تۆمۈر يېتىشمەسلىك خاراكتېرلىك قان ئازلىقنىڭ كېلىپ چىقىشىنى ئازايتىش. 2. بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاق، قوشكېزەك ھەم ئېغىرلىقى تۆۋەن تۇغۇلغان بوۋاقلارغا، تۇغۇلۇپ ئىككى ئاي ئەتراپىدا تۆمۈر ماددىسى بار دورىلارنى تولۇقلاشقا، تۆمۈر ماددىسىنى كۈچەيتىش يېمەكلىكلىرىنى تاللاپ بېرىشكە بولىدۇ. 3. يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كېسەلنىڭ ساقىيىش مەزگىلىدە، گىرىپتار بولغۇچى بالىلارغا تۆمۈر قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تولۇقلاپ بېرىشكە دىققەت قىلىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە
تۆمۈر يېتىشمەسلىك خاراكتېرلىك قان ئازلىقنىڭقانداق ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki