ھەسەل قانداق ئىشلەپ چىقىرىلىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئەتىياز، ياز پەسىللىرى، ھەسەل ھەرىلىرى ھەسەل يىغىدىغان ناھايىتى ياخشى مەزگىل. ھاۋا ئوچۇق بولۇپلا بەرسە، ئىشچى ھەرىلەر ھەر كۈنى سىرتقا چىقىپ گۈل شىرنىلىرىنى يىغىدۇ. ئىشچى ھەرە شىرنا يىغقاندا، ئىنچىكە نەيچىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان <تىلى> نى چىقىرىپ، گۈللەرنىڭ ئارىسىغا كىرگۈزۈپ شىرنىلەرنى شىرنە ئاشقازىنىغا يىغىدۇ. ئادەتتە ھەر بىر ئىشچى ھەرە سىرتقا 40 قېتىم چىقىدۇ، ھەر قېتىمدا 100 تال گۈلدىن شىرنە ئالىدۇ، ئەمما يىغقان شىرنىسى ئاران 0.5 گرام كېلىدۇ. ئويلاپ بېقىڭ، 1000 گرام ھەسەل ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن ئۇلار قانچە قېتىم ئۇچۇپ چىقىپ قايتىپ كېلەر!
گۈل شىرنىسى يىغىش مانا شۇنداق جاپالىق ئىش، گۈل شىرنىسىنى ھەسەل قىلىپ ئىشلەپ چىقىرىشمۇ ئاسان ئىش ئەمەس.
ھەسەل ئىشلەپچىقىرىش جەريانى ناھايىتى مۇرەككەپ بولىدۇ، باشلىنىشىدا، ئىشچى ھەرىلەرنىڭ ھەممىسى يىغقان گۈل شىرنىلىرىنى قۇرۇق ھەرە كۆنىكىگە قۇسىدۇ، كەچ كىرگەندە، يەنە شىرنىلەرنى شىرنە ئاشقازىنىغا يىغىپ پىشۇرىدۇ. ئاندىن يەنە قۇسىدۇ، يەنە شىرنە ئاشقازىنىغا قاچىلايدۇ، مۇشۇنداق قىلىپ 100 نەچچە قېتىم تەكرارلايدۇ، ئەڭ ئاخىر پۇراقلىق ھەم تاتلىق ھەسەلنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ. ھەسەل شىرنىسىنىڭ تېزرەك شامالداپ قۇرۇشى ئۈچۈن، نەچچە يۈز مىڭ ئىشچى ھەرە يەنە قانىتى بىلەن توختىماستىن يەلپۈپ تۇرىدۇ، شامالداپ قۇرىغان ھەسەللەرنى ئامبىرىغا كىرگۈزۈپ، قىشتا ئوزۇقلۇق قىلىش ئۈچۈن، كۆنەكنىڭ ئاغزىنى موملىۋېتىدۇ.