نېمە ئۈچۈن تاشقا ئايلانغان دىنوزاۋر تۇخۇمى نۇرسىمان تىزىلغان بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بۇنىڭدىن 65 مىليون يىللار ئىلگىرى يەر شارىدا ھۆكۈم سۈرگەن دىنوزاۋرنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتكەن. دىنوزاۋرلارنىڭ ئەينى چاغدىكى ياشاش ئەھۋالىنى بىلىشكە توغرا كەلسە، ساقلىنىپ قالغان دىنوزاۋر سۆڭەكلىرى ۋە تاشقا ئايلانغان دىنوزاۋر تۇخۇملىرىغا مۇراجىئەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ۋەھالەنكى، يۇمىلاق تاشقىلا ئوخشىشىدىغان دىنوزاۋر تۇخۇملىرىدىن قىممىتى بار قانداقراق يىپ ئۇچلىرىغا ئېرىشكىلى بولىدىكىن؟
1922 - يىلى، ئالىملار موڭغۇلىيىنىڭ سەۋرېئۇسۇ دېگەن بايقاش ئاز دېگەندىمۇ دىنوزاۋرلارنىڭ ياكى بىر قىسىم دىنوزاۋرلانىڭ تۇخۇمىدىن تۆرىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.
ئالىملار تاشقا ئايلانغان دىنوزاۋر تۇخۇملىرى تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق غەلىتە ئەھۋالنى بايقىغان. دىنوزاۋر تۇخۇملىرى نۇرسىمان تىزىلغان بولۇپ، ئىچكى ئايلانما قاتلىمىغا بارغانسېرى تۇخۇملارنىڭ سانى ئازلىغان، لېكىن تۇخۇملار بارغانسېرى چوڭلاپ بارغان. بۇ ئەھۋال نېمىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ؟ ئالىملارنىڭ پەرەز قىلىشىچە، ھايۋانلار كۆپىيىش پەسلىدە، دىنوزاۋرلارمۇ توپ - توپ بولۇشۇپ جۈپلىشىدىكەن، جۈپلىشىپ بولغاندىن كېيىن، چىشى دىنوزاۋر كۈنگەي ئېگىز دۆڭنى تۇخۇملايدىغان جاي قىلىپ تاللايدىكەن. تۇخۇملاشتىن ئىلگىرى، چىشى دىنوزاۋر ئالدى بىلەن ئالدى پۇتى بىلەن ئوتتۇرى ئېگىزرەك كەلگەن يۇمىلاق بىر ئورەك كولايدىكەن، ئاندىن ئورەكنى ئايلىنىپ يۈرۈپ تۇخۇملايدىكەن، بىر ئايلانما تۇخۇمنى تۇغۇپ بولۇپ توپا بىلەن كۆمۈۋېتىدىكەن، ئاندىن ئىككىنچى ئايلانما تۇخۇمنى تۇغۇدىكەن -دە، يەنە توپا بىلەن كۆمۈۋېتىدىكەن، كۆپ بولغاندا تۆت ئايلانما تۇخۇم تۇغۇدىكەن. ئۇنداقتا تۇغۇلغان دىنوزاۋر تۇخۇملىرى نېمە ئۈچۈن نۇرسىمان تىزىلىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى، مۇشۇنداق قىلغاندا، كۈن نۇرى ئەڭيېتەرلىك چۈشۈپ، تۇخۇملار تولۇق ئىسسىقلىق قوبۇل قىلالايدىكەن، بۇ دىنوزاۋر بالىلىرىنىڭ تۇخۇمدىن ئوڭۇشلۇق چىقىشىغا پايدىلىق ئىكەن.