UyghurWiki
UyghurWikiنەمەسازاڭنىڭ كۆزى بارمۇ؟

سازاڭنىڭ كۆزى بارمۇ؟

نېمە ئۈچۈن بەزىلەر سازاڭنىڭ كۆزى بار دەيدۇ؛ يەنە بەزىلەر سازاڭ بوغۇملۇق ھايۋان، شۇڭا ئۇنىڭدا كۆزدىن ئىبارەت بۇنداق مەخسۇس نۇر سەزگۈچى ئەزا يېتىلمىگەن دەيدۇ. ئۇنداقتا سازاڭنىڭ كۆزى زادى بارمۇ؟ زوئولوگلارنىڭ تەتقىقاتىدىن قارىغاندا، سازاڭ ئۇزۇن مەزگىل توپىنىڭ ئاستىدا ياشىغان بولغاچقا، باش قىسمى ئۆسۈشتىن توختاپ كىچىكلەپ كەتكەنىكەن، شۇڭا كۆزىمۇ بولمايدىكەن. بەدىنىنىڭ ئالدىنقى ئۇچىدا ئۇچلىنىپ چىققىنى ئېغىزى ئىكەن. سازاڭ ئېغىزى بىلەن ئوزۇقلىنىدىكەن ھەم توپىنى كولايدىكەن. گەرچە سازاڭنىڭ ھەقىقىي كۆزى بولمىسىمۇ، تېرىسىدىكى سەزگۈ ئەزاسى، ئېغىزىدىكى سەزگۈ ئەزاسى، نۇر سېزىش ئەزاسى ئارقىلىق ناھايىتى تېز ئىنكاس قايتۇرىدۇ. سازاڭنىڭ كۆرۈش سېزىمىنىڭ بار - يوقلۇقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، ئالىملار مۇنداق تەجرىبە ئىشلىگەن: سازاڭنى نۇرنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى ئوخشاش بولمىغان يەرگە قويغان، نەتىجىدە سازاڭ نۇر ئاجىز تەرەپكە قاراپ ئۆمىلىگەن. ئالىملار يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، سازاڭنىڭ بەدىنىنىڭ سىرتقى يۈزىدە ئەڭ ئىپتىدائىي، ئەڭ ئاددىي كۆزلەرگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان نۇر سەزگۈچى نۇرغۇن ھۈجەيرىلەرنىڭ بارلىقىنى بايقىغان. نۇر سەزگۈچى بۇ ھۈجەيرىلەر نۇرنىڭ كۈچلۈك - ئاجىزلىقىغا ناھايىتى سەزگۈر بولغاچقا، سازاڭ كۈچلۈك نۇرغا دۇچ كەلسىلا تەبىئىي ھالدا ئۆزىنى دالدىغا ئالىدىكەن.
← بارلىق تېمىلار نەمە
سازاڭنىڭ كۆزى بارمۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki