ئۆپكە ياللۇغىنى قانداق داۋالايدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاش تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
1. كۈتۈشنى كۈچەيتىش. ئۆينىڭ ھاۋاسى ئۆتۈشۈپ تۇرۇشنى ساقلاپ قېلىش، ئۆينىڭ تېمپېراتۇرىسى 20℃ ئەتراپىدا، نەملىكى 60% تە بولسا بىر ئاز مۇۋاپىق بولىدۇ. نەپەس يولىنىڭ راۋانلىقىنى ساقلاش، قەرەللىك ھالدا كېسەللەنگۈچىنىڭ بەدەن ئورنىنى يۆتكەپ تۇرۇش. مەسىلەن: ئۆرۈپ قويۇش، تىك كۆتۈرۈش قاتارلىقلار، پات - پات بوۋاقنىڭ دۈمبىسىنى تۆۋەندىن - يۇقىرىغا، سىرتىدىن - ئىچىگە قارىتىپ قېقىپ بېرىش، بۇنداق قىلغاندا كىچىك نەپەس يوللىرىدىكى ئاجرالمىلارنى بوشىتىپ، چوڭراق نەپەس يولىغا چىقىرىپ، بەلغەمنى سىرتقا چىقىرىۋېتىشكە پايدىلىق ھەم ئۆپكىدىكى قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. بەلغەم شىلمىشىق ھالەتتىكىلەر تۇمانلاشتۇرغۇچى سۈمۈرۈشنى ماسلاشتۇرۇپ نەپەس يولىنى نەمدەپ، بەلغەمنىڭ چىقىرىۋېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش. يېمەكلىككە ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى تاللاپ، ئازراقتىن كۆپ قېتىم تاماقلىنىش كېرەك.
2. يۇقۇملىنىشنى كونترول قىلىش. كېسەللىك مەنبەسىگە ئاساسەن ئوخشاش بولمىغان دورا بىلەن داۋالاش ئۇسۇلىنى تاللاش، مەسىلەن: باكتېرىيىدىن يۇقۇملانغان بولسا كەڭ تەسىرلىك ھەم تۆۋەنكى نەپەس يولىغا بارىدىغان قويۇقلۇقى يۇقىرى ئانتىبىئوتىك (مەسىلە پېنىتسىللىن) نى تاللاپ ئىشلىتىش، مىكوپلازمىدىن يۇقۇملانغان بولسا ماكرولىد تۈرىدىكى دورىلار (ئېرىترومىتسىن قاتارلىقلار) نى تاللاپ ئىشلىتىش، ۋىرۇستىن يۇقۇملانغان بولسا ۋىرۇسقا قارشى دورىلار (ۋىرازول قاتارلىقلار) نى تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك.
3. باشقىچە داۋالاش. تېمپېراتۇرىنى چۈشۈرۈش، مۇۋاپىق ئوكسىگېن ئىشلىتىش، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىنى تەپسىلىي كۆزىتىش، ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىقلار