UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئايالىڭىزنى ياخشى كۈتۈڭ

ئايالىڭىزنى ياخشى كۈتۈڭ

نېمە ئۈچۈن تۇغۇتتىن كېيىن دۇنياغا كەلگەن يېڭى ھاياتلىق ئائىلىگە خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ، ئايالمۇ ئۆيدىكى تۆھپىكارغا ئايلىنىدۇ. بالا ئېمىتىش مەزگىلىدە ئايالىڭىز سۈتى ئارقىلىق بۇ ھاياتلىقنى باقىدۇ، شۇڭا ئايالىڭىز پۈتۈنلەي ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ بولۇپمۇ ئېرىنىڭ كۆيۈنۈشىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق. ئايالىڭىزنىڭ ياخشى ياردەمچىسى بولۇشىڭىز، ئۇنىڭ روھىي جەھەتتىكى يۈكىنى يېنىكلىتىشىڭىز كېرەك. مەسىلەن: بالىنى ئەگەشتۈرۈپ ساياھەت قىلىش يالغۇز ئانىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپلا قالماي، ئاتا - بالا ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتنى كۈچەيتىدۇ. ئەر بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، ئايالىڭىز بالا ئېمىتىۋاتقان مەزگىلدىكى ئوزۇقلۇقنى تولۇقلاش ۋەزىپىسىنى ئۈستىڭىزگە ئېلىپ، ئۇنىڭ ھەر كۈنى تولۇق ئوزۇقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئايالىڭىزنىڭ ياخشى كۆرىدىغان يېمەكلىكلىرىنى تەييارلاپ بېرىشىڭىز كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە