UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلار نېمىشقا كۆكتاتنى كۆپرەك يېيىشى كېرەك؟

بالىلار نېمىشقا كۆكتاتنى كۆپرەك يېيىشى كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان بالىلار گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرگە ئالاھىدە ئامراق بولۇپ، كۆكتات قاتارلىقلارنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ. بىراق، سالامەتلىك جەھەتتىن ئويلاشقاندا، بالىلار يەنىلا كۆكتاتنى كۆپ ئىستېمال قىلىشى كېرەك. چۈنكى، گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە مول بولغان ئاقسىل، ماي، ئانئورگانىك تۇز، مىكرو ئېلېمېنت قاتارلىق خىلمۇخىل ئوزۇقلۇق تەركىبلەر بولسىمۇ، بىراق ۋىتامىن كەمچىل، بولۇپمۇ ۋىتامىن C ۋە تالالىق ۋىتامىنلار كەمچىل، شۇنداقلا ۋىتامىن C بەدەندە ساقلىنىپ تۇرمايدۇ. شۇڭا، ھەر كۈنلۈك تاماق ئارقىلىق تولۇقلاشقا توغرا كېلىدۇ. ۋىتامىن C تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە پايدىلىق بولۇپ، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. تالالىق ئېلېمېنتلار بالىلارنىڭ چايناش ئىقتىدارىنىڭ چېنىقىشىغا، يېتىلىشىگە پايدىلىق بولۇپ، ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بولۇپمۇ ئېنزىملارنىڭ ئاجرىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ماي تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم قىلىنىش، سۈمۈرۈلۈشىگە پايدىلىق. بەزى بالىلارنىڭ ئىشتىھاسى ناچار بولۇپ، كۆكتات يېمەيدۇ، بۇ بەدەندىكى تالالىق ئېلېمېنتلارنىڭ كەم بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك. ئۇنىڭدىن باشقا تالالىق ئېلېمېنتلار يەنە ئۈچەي ھەرىكىتىنى كۈچەيتىپ، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. شۇڭا، بالىنىڭ ۋىتامىن C ۋە تالالىق ئېلېمېنتلارغا بولغان تەلىپىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، بالىلارغا كۆپرەك كۆكتات بېرىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە