UyghurWiki
UyghurWikiنەمەجەنۇبىي، شىمالىي قۇتۇپلاردا ئۆسۈملۈك بارمۇ؟

جەنۇبىي، شىمالىي قۇتۇپلاردا ئۆسۈملۈك بارمۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئانتاركتىكا قىتئەسى يەر شارىنىڭ ئەڭ جەنۇبىي تەرىپىگە جايلاشقان. ئەتراپىنى ئوكيانلار ئوراپ تۇرىدىغان بىر پارچە قۇرقلۇق، لېكىن كەڭلىكتە تۇتقان ئورنىنىڭ يۇقىرى، ھاۋا كىلىماتىنىڭ ئىنتايىن سوغۇق بولۇشى تۈپەيلىدىن، ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 55 سېلتسىيە گرادۇستىن تۆۋەن بولۇپ، يىل بويى ئوتتۇرىچە قېلىنلىقى 200 مېتىرغا يېتىدىغان مۇز قاتلىمى بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇ يەنە دۇنيا بويىچە قارا بوران ئەڭ كۈچلۈك، ئەڭ كۆپ چىقىدىغان رايون بولۇپ، بەزى جايلىرىدا بىر يىل ئىچىدە 340 كۈن قار - شىۋىرغانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلىدۇ، شامال كۈچى تەيفېڭ بورىنىدىن ئۈچ - تۆت ھەسسە كۈچلۈك بولىدۇ. مۇشۇنداق ناچار كىلىمات شارائىتىدا، ئۇ جايدا يېشىل ئۆسۈملۈكلەرنى ئاساسەن ئۇچراتقىلى بولمايدۇ، پەقەت تاسادىپىي ئەھۋالدا، شامال تەگمەيدىغان تاشلارنىڭ ئاستىدا ئاز ساندىكى لىشاينىك، مۇخلار ۋە يۈسۈنلار ئۇچرايدۇ. تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ جايدا تەخمىنەن 400 خىل لىشاينىك، 75 خىل مۇخ، 360 خىلدىن ئارتۇق يۈسۈن ئۆسىدىكەن. شىمالىي قۇتۇپ يەر شارىنىڭ ئەڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان، ئۇنىڭ مەركىزى تۇتاش كەتكەن مۇزلۇق، تۆت ئەتراپى شىمالىي قۇتۇپ رايونىنىڭ قۇرقلۇقىغا تەۋە بولۇپ، روسىيىدىكى سىبىرىيىنىڭ شىمالىي قىسمى، كانادانىڭ شىمالىي قسىمى، فىنلاندىيە ۋە نورۋېگىيىنىڭ شىمالىي قسىمى، شۇنىڭدەك ئالىياسكىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلارنى، يەنە نۇرغۇن ئاراللارنى، مەسىلەن، گرېنلاندىيە ئارىلى، يېڭىيەر ئارىلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ جايلارنىڭ ھاۋا كىلىماتى ئىنتايىن سوغۇق، لېكىن ئانتاركتىكا قىتئەسىگە سېلىشتۇرغاندا سەل ياخشىراق. قۇتۇپ رايونىنىڭ مەركىزىدە ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈكلەر ئاساسەن لىشاينىك، مۇخ قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. كىشىلەر يېڭىيەر ئارىلىدا 500 خىلدىن ئارتۇق لىشاينىكنى، گرېنلاندىيە ئارىلىدا 300 خىلدىن كۆپرەك لىشاينىك ۋە 600 خىلدىن كۆپرەك مۇخنى ئۇچراتقان. يەنە شىمالىي مۇز ئوكياننىڭ 3400 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى جايىدىن زەمبۇرۇغلارنىڭ سپورىسىنى تاپقان. قۇتۇپ رايونىنىڭ چەتلىرىدىكى قۇرۇقلۇقلاردا نەچچە يۈز خىل يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەر بار، مەسىلەن، چوڭ بوتاكۆز، سەككىز بەرگى، ئەپيۈنگۈل، چىۋىن ئوتى قاتارلىقلار. ھەر يىلى يازدا بۇ ئۆسۈملۈكلەر رەڭگارەڭ ئېچىلىپ، ئاق لىباس كىيگە قۇتۇپ رايونىغا نەچچە ئۈلۈش گۈزەل تۈس قوشىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە