ئىككى ياشلىق بالىلار چەت ئەل تىلى ئۆگەنسە بولامدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئانا تىلى بىلەن چەت ئەل تىلىنى ئېنىق پەرقلەندۈرەلمەيدۇ، كىچىكىدىن باشلاپ قايسى خىل تىلنى ئاڭلىغان بولسا، شۇ خىل تىلدا سۆزلىيەلەيدۇ. مائارىپشۇناسلارنىڭ قارىشىچە، بالىلارغا چەت ئەل تىلى ئۆگىتىدىغان مەزگىل سەككىز ياشتىن تۆۋەن ۋاقىت بولۇپ، فىزىئولوگىيە جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ، بالىلارنىڭ تىل فۇنكسىيىسىنىڭ يېتىلىشىمۇ ئادەتتە يەتتە ياش ئەتراپىدا ئاخىرلىشىدۇ. شۇڭا، يەتتە ياشقا كىرىشتىن ئىلگىرى بالىلارغا چەت ئەل تىلى ئۆگىتىشنى باشلىسا شۇنداقلا تۇغۇلۇشى بىلەنلا ئانىسىغا ئەگىشىپ چەت ئەل تىلى ئۆگەنسىمۇ بولىدۇ. بەزى ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئىككى خىل تىلنى ئۆگەنسە، قالايمىقان بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرىشىدۇ. بۇ خىل ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى يەنىلا ئانا تىلنىڭ بالىغا بولغان تەسىرى چوڭ. بالا ئىككى خىل تىلنى ئارىلاشتۇرۇۋەتكەندىمۇ ئارتۇقچە ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق، يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۇلار تەبىئىي ھالدا ئىككى تىلنىڭ پەرقىنى ئايرىيالايدۇ. ئىككى ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان ئارىلىق بالىلارنىڭ تىل ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىكى ھەل قىلغۇچ ۋاقىت شۇنداقلا چەت ئەل تىلى ئۆگىتىشنىڭمۇ ياخشى پۇرسىتى. شۇڭا، شارائىت يار بەرگەن ئاساستا، بۇ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، ئانا تىلنى ئاساس قىلغان ھالدا بالىلارغا چەت ئەل تىلى ئۆگىتىشنى باشلاش كېرەك.