UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئانا - بالا ئۆزئارا بىر - بىرىنى ياخشى كۆرگەننىڭ پايدىسى بارمۇ؟

ئانا - بالا ئۆزئارا بىر - بىرىنى ياخشى كۆرگەننىڭ پايدىسى بارمۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئەمدىلا تۇغۇلغان بالىلار ئۆزلىرىنىڭ تۇغۇلۇشى بىلەن بۇ دۇنياغا قانداق ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلەمدۇ؟ بوۋا - مومىلىرى خۇشال بولىدۇ، دادىسىمۇ خۇشال بولىدۇ. ئاپىسى ھاياجانلىنىپ، ئۇنىڭغا نۇرغۇنلىغان ئويۇنچۇق ۋە يېڭى كىيىملەرنى ئالىدۇ. ھەتتا ئايرىم ھۇجرا تۇتۇپ بېرىدۇ، بۇلارنى ئۇ ھېس قىلالامدۇ؟ <ئانا - بالىنىڭ يۈرىكى تۇتاش> دېگەن كۆز قاراش ئاساسسىز ئەمەس، ئەمدىلا تۇغۇلغان بوۋاق ئانىغا تىكىلىپ قارايدۇ، ئۆزىنىڭ سۆزىگە بالىنىڭ ئىنكاس قايتۇرغىنىنى بايقىغان ئانا چەكسىز خۇشاللىققا چۆمۈپ، ئانىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ بالىغا نىسبەتەن قانداق مۇھىم رولى بارلىقىنى ھېس قىلىدۇ، ئانىنىڭ بۇ خىل ھېسسىياتى ئوخشاشلا چوڭ مېڭىگە تەسىر قىلىپ، سۈت ئاجراتمىلىرىنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ سۈت چىقىرىپ، ئۆزىنىڭ چوڭقۇر مۇھەببىتىنى ئىپادىلەيدۇ. ئوخشاشلا بالىمۇ ئانىغا نىسبەتەن ئالاھىدە سەزگۈر بولۇپ، ئۇنىڭ ئاڭلاش سەزگۈسى ناھايىتى روشەن، ناھايىتى كۆپ ئاۋازلار ئىچىدىن ئۆز ئانىسىنىڭ ئاۋازىنى پەرق قىلالايدۇ، ئۇ چوڭلارنىڭ ئىپادىسىگە دىققەت قىلالايدۇ. تۇغۇلۇپ بىر ياكى ئۈچ ھەپتە بولغاندا چوڭلارنىڭ ئىپادىسىنى دورىيالايدۇ، ھەتتا ئاپىسىنىڭ خۇشال بولغان ياكى خاپا بولغىنىنى بىلىۋالالايدۇ. ئۇ يەنە ناھايىتى تېز ئۆز ئانىسىنىڭ ئەمچىكىنىڭ پۇرىقى بىلەن باشقا ئاياللارنىڭ ئەمچەك پۇرىقىنىڭ پەرقىنى بىلىۋالالايدۇ
← بارلىق تېمىلار نەمە