UyghurWiki›نەمە›كۈندىلىك تاماقتا گۈرۈچتىن ئىشلەنگەن يېمەكلىكـلەرنى ئىستېمال قىلسا ھامىلىدار ئاياللارغاپايدىسى بارمۇ؟
كۈندىلىك تاماقتا گۈرۈچتىن ئىشلەنگەن يېمەكلىكـلەرنى ئىستېمال قىلسا ھامىلىدار ئاياللارغاپايدىسى بارمۇ؟
نېمە ئۈچۈن
كۈندىلىك تاماقتا ئۇزۇن مۇددەت گۈرۈچتىن ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلسا، تاماق بىرخىللا بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلۇقىغا تەسىر يېتىدۇ. تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشىچە، ئۇزۇن مۇددەت گۈرۈچتىن ياسالغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلسا، ھامىلىدار ئاياللاردا ۋىتامىن C، ۋىتامىن B1 ۋە خىلمۇخىل مىكرو ئېلېمېنتلارنىڭ يېتىشمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە ھامىلىگە تەسىر قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ھامىلىدار ئاياللارنىڭ سېللۇلوزانى قوبۇل قىلىشى ئازلاپ، قەۋزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ شۇنداقلا دائىملىق قەۋزىيەتنى، گېموروينى پەيدا قىلىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ھامىلىدار ئاياللار كۈندىلىك تاماقتا گۈرۈچتىن ياسالغان يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىپ، يېمەكلىك جەھەتتىكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىشى كېرەك.