UyghurWiki
UyghurWikiنەمەقۇيرۇقلۇق يۇلتۇز يەر شارىغا سوقۇلۇپ كېتەمدۇ؟

قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز يەر شارىغا سوقۇلۇپ كېتەمدۇ؟

نېمە ئۈچۈن 1994 - يىلى <سۇمېك - لېۋى - 9> ناملىق قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز يۇپىتېرغا سوقۇلدى، قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنىڭ 21 دانە پارچىسى بىر رەت بولۇپ، بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى يۇپىتېرغا سوقۇلۇپ، يۇپىتېردا ئىككى يېرىم يەر شارى سىغقۇدەك غايەت چوڭ قارا داغ ھاسىل قىلدى. كىشىلەر بۇ قېتىمقى ئالەم ھادىسىسىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز يەر شارىغىمۇ سوقۇلۇپ كېتەرمۇ؟ دەپ ئويلاشتى. ئەمەلىيەتتە، قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز ئىلگىرى ھەقىقەتەن يەر شارىغىمۇ قەدەم تەشرىپ قىلغان. 1910 - يىلىنىڭ بېشىدا، دۇنيادىكى ھەر قايسى چوڭ گېزىتلەرنىڭ ھەممىسى كىشىنى ساراسىمىگە سالىدىغان مۇنداق بىر خەۋەرنى باستى: يەر شارى 5 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ھاللېي قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزى بىلەن ئۆز ئارا سوقۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر <ئاخىر زامان> بولىدىغان ئوخشايدۇ دەپ قاراشتى. 5 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ئاخىر يېتىپ كەلدى، كىشىلەر ھېچقانداق غەيرىي ئەھۋاللارنى بايقىمىدى، يەر شارى ھاللېي قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزىنىڭ يوغان قۇيرۇقىدىن ساق - سالامەت ئۆتۈپ كەتتى. ئەسلىدە قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنىڭ قۇيرۇقى ئىنتايىن شالاڭ گازدىن تەشكىل تاپقان، ئۇ يەر شارىغا تېگىپ ئۆتكەندە ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئېنىق تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. مۇبادا <پاسكىناقار پومزىكى> گە ئوخشىشىپ كېتىدىغان قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز يادروسى دەل يەر شارىغا سوقۇلسىچۇ؟ 1908 - يىلى غايەت زور بىر ئوت شارى سىبىرىيىنىڭ تۇڭگۇس دېگەن يېرىنىڭ ئاسمىنىدا پارتلىغان، بەزى ئالىملار بۇ قېتىمقى پارتلاشنى قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنىڭ يەر شارىغا سوقۇلۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلىشىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنىڭ يەر شارىغا سوقۇلۇش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت. بىراق بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلمىساقمۇ بولىدۇ، چۈنكى قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنىڭ يەر شارىغا سوقۇلۇش ئېھتىماللىقى بەكمۇ ئار. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالىملارمۇ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدۇ. قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز ياكى كىچىك سەييارىنىڭ يەر شارىغا يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقى بايقالغان ھامان، ئالىملار يادرو بومبىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇچار كېمە قويۇپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئايلىنىش ئوربىتىسىنى ئۆزگەرتىپ، بۇ ئارقىلىق يەر شارىغا سوقۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە