UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئوزۇقلۇقنى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىن باشلاپ تولۇقلاش كېرەكمۇ؟

ئوزۇقلۇقنى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىن باشلاپ تولۇقلاش كېرەكمۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئانا سۈتى بىلەن بالا بېقىشنى ياخشى ئېلىپ بېرىشتىكى ئەڭ مۇھىم شەرت — سۈتنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش. ئانا سۈتى بالىنى تۇغۇلغاندىن كېيىنكى ئېھتىياجلىق بولغان بارلىق ئوزۇقلۇقلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، سۈتنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ھامىلىدارلىقتىن باشلاپ ئوزۇقلۇق تولۇقلاشتىن باشلاش كېرەك. مەسىلەن: ئاقسىل، كالتسىي، تۆمۈر، يوپۇرماق كىسلاتاسى قاتارلىقلار بىلەن ئوزۇقلۇق تولۇقلىغاندا، بالىياتقۇ ئارقىلىق ئوزۇقلۇق بالىغا يەتكۈزۈلىدۇ، قايتا ئانا تېنىدە توپلىنىپ، تۇغۇتتىن كېيىنكى ئانا سۈتى تولۇق چىقىدۇ. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، ئاياللار ھامىلىدار بولغان ۋە بالا ئېمىتكەن مەزگىلدە بەدەننىڭ ئوزۇقلۇققا بولغان سۈمۈرۈشچانلىقى ئادەتتىكىدىن يۇقىرىلاپ كېتىدۇ. مىسالغا ئالساق، ئانا تېنى كالتسىينى كۆپ سۈمۈرگەن بىلەن زىيىنى ئاز. بۇنىڭدىن قارىغاندا، ئاياللار ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىن باشلاپ، بالا ئېمىتكىچە بولغان جەرياندا مەلۇم بىرخىل ئالاھىدە بەلگىلەپ بەرگەن تاماق يېيىش ئۇسۇلى بىلەن تاماق يېمەي، ئوزۇقلۇقى مول، بەدەنگە پايدىلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېسە، بالا ۋە ئانىنىڭ بەدەن ئېھتىياجىنى قامدايدۇ. چۈشەندۈرۈشكە تېگىشلىكى، بۇ ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرىكى ئېنېرگىيە بىلەن ئوخشاش غىزالىنىڭ دېگەن مەنىنى بەرمەيدۇ، چۈنكى ھازىر ئانا ئىككى ئادەمنىڭ ئېھتىياجىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە