نېمە ئۈچۈن ئايروپىلاندا كۆچمە تېلېفون ئىشلىتىشكە بولمايدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
1996 - يىل 7 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، جۇڭگو جەنۇبىي ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ شاڭخەيدىن گۇاڭجۇغا ئۇچقان ئايروپىلانى قونۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقاندا، بىر قانچە يولۇچى كۆچمە تېلېفون ئىشلەتكەچكە، ئۇچۇش يولىدىن چىقىپ كېتىپ، ھادىسە يۈز بېرىشكە تاسلا قالغان. ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يۇقىرىقىدەك ئايروپىلان ھادىسىسى دۇنيادا ھەر يىلى 20دىن كۆپرەك يۈز بەرگەن. شۇڭا، دۇنيادىكى نۇرغۇن ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئايروپىلان ئۇچۇۋاتقاندا كۆچمە تېلېفون ئىشلىتىشنى مەنئى قىلىش توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقارغان.
نېمە ئۈچۈن، ئايروپىلاندا كۆچمە تېلېفون ئىشلىتىش ئىنتايىن خەتەرلىك؟ ئەسلىدە، ئايروپىلان ئاسماندا بەلگىلەنگەن ئۇچۇش لىنىيىسىدە ئۇچىدۇ، پۈتكۈل ئۇچۇش جەريانىدا، يەر يۈزىدىكى ئاۋىئاتسىيە باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ قوماندانلىقىنى قوبۇل قىلىپ تۇرىدۇ. ئاسمان بوشلۇقىدا، ئۇچقۇچىلار بىر تەرەپتىن ئايروپىلان ھەيدىگەچ، يەنە بىر تەرەپتىن ئايروپىلاندىكى خەۋەرلىشىش، يول باشلاش ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق يەر يۈزى بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرىدۇ. ئايروپىلاندىكى يول باشلاش ئۈسكۈنىسى رادىئو دولقۇنىدىن پايدىلىنىپ يۆنىلىشنى بەلگىلەيدۇ، ئۇ يەر يۈزى يول باشلاش پونكىتى تارقىتىپ تۇرىدىغان ئېلېكتروماگنىت دولقۇنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئايروپىلاننىڭ ئېنىق ئورنىنى ئۆلچىيەلەيدۇ. ناۋادا ئايروپىلان ئۇچۇش لىنىيىسىدىن چەتنەپ كەتسە، ئاپتوماتىك ھەيدەش ئەسۋابى دەرھال ئاپتوماتىك ھالدا خاتالىقىنى <تۈزىتىپ> ئايروپىلاننى نورمال ئۇچۇرىدۇ.
كۆچمە تېلېفون ئىشلەتكەندە، ئۇ تارقاتقان ئېلېكتروماگنىت دولقۇنى ئايروپىلاننىڭ يول باشلاش ئۈسكۈنىسى بىلەن مەشغۇلات سىستېمىسىدا كاشىلا پەيدا قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئايروپىلاننىڭ ئاپتوماتىك ھەرىكەتلىنىدىغان ئۈسكۈنىلىرى خاتا ئۇچۇر قوبۇل قىلىۋېلىپ، خاتا مەشغۇلات ئېلىپ بارىدۇ - دە، خەتەرگە دۇچ كېلىدۇ، ھەتتا ئايروپىلان پاچاقلىنىپ كېتىدۇ.
كۆچمە تېلېفوندىن باشقا، چاقىرغۇ ئاپپاراتى، خاتىرە شەكىللىك كومپيۇتېر، ئېلېكترونلۇق ئويۇنچۇق قاتارلىقلارنى ئىشلەتكەندىمۇ ئېلېكتروماگنىت دولقۇنى تارقىلىدۇ، شۇڭا، بۇ ئۈسكۈنىلەرنىمۇ ئايروپىلاندا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.