UyghurWiki
UyghurWikiنەمەيۇپىتېردىكى <چوڭ قىزىل داغ> نېمە؟

يۇپىتېردىكى <چوڭ قىزىل داغ> نېمە؟

نېمە ئۈچۈن يۇپىتېر قۇياش سىستېمىسىدىكى توققۇز چوڭ سەييارىنىڭ <چوڭ ئاكا> سى بولۇپ، ئۇنىڭ ھەجىمى ۋە ماسسىسى توققۇز چوڭ سەييارە ئىچىدە ھەممىنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. بىز تېلېسكوپ ئارقىلىق كۆزەتسەك، يۇپىتېرنىڭ سىرتقى يۈزىدە ئۇنىڭ ئېكۋاتورىغا پاراللېل ھالدا لەيلەپ تۇرغان رەڭلىك بەلۋاغنى كۆرىمىز. ئۇ يۇپىتېر تېز سۈرئەتتە ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىشتىن ھاسىل بولغان ئايلانما ئاتموسفېرا ئېقىمىدىن ئىبارەت. رەڭلىك بەلۋاغدا بەزىدە ئۆمرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئوخشاش ئەمەس، ياكى يورۇق كۆرۈنسە، تۇرۇپ غۇۋا كۆرۈنىدىغان داغلار پەيدا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر <چوڭ قىزىل داغ> كىشىنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتىپ تۇرىدۇ. تەخمىنەن 400 نەچچە يىللار ئىلگىرى، ئاسترونوملار بۇ <چوڭ قىزىل داغ> نى بايقىغان. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، گەرچە <چوڭ قىزىل داغ> نىڭ رەڭگى ۋە چوڭ - كىچىكلىكى ئىزچىل ھالدا ئۆزگىرىپ تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بىر قانچە يۈز يىللاردىن بۇيان يۇپىتېر ئۈستىدە لەيلەپ، تا بۈگۈنگىچە يوقىلىپ كەتكىنى يوق. نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان، ئاسترونوملار ئىزچىل تۈردە بۇ <چوڭ قىزىل داغ> نىڭ تېگى - تەكتىنى ئېنىقلاشنىڭ كويىدا بولۇپ كەلدى. بوشلۇق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى يوللىغان سۈرەتلەردىن <چوڭ قىزىل داغ> نىڭ تەركىبىدە قىزىل فوسفور بىرىكمىلىرى بولغان ئاتموسفېرا قاينىمىدىن ئىبارەت بولۇپ، خۇددى يۇپېتىر ئاتموسفېرا قاتلىمىدىكى <دەرىجىدىن تاشقىرى تەيفېڭ بورىنى> دەك، سائەت ئىسترېلكىسىغا قارشى يۆنىلىشتە ئايلىنىپ تۇرىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇ <دەرىجىدىن تاشقىرى تەيفېڭ بورىنى> نىڭ ئىچىگە تۆت يەر شارى سىغىدۇ، ئۇنىڭدا ھەر خىل رەڭلەردىكى بۇلۇتلار بار بولۇپ، ئۇلار شىددەتلىك دولقۇنلانغاندەك دومىلاپ، ھەرىكەتلىنىپ تۇرىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ بىزگە كۆرۈنگەن رەڭگى ۋە چوڭ - كىچىكلىكى ھەمىشە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. بىر قانچە يۈز يىلدىن بۇيان، يۇپىتېردىكى <چوڭ قىزىل داغ> ئىزچىل ھالدا ئاسترونوملار ۋە ئاسترونومىيە ھەۋەسكارلىرىنى ھەممىدىن بەك قىزىقتۇرۇپ كەلگەن ئاسترونومىيىلىك ھادىسىلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە.
← بارلىق تېمىلار نەمە