UyghurWiki
UyghurWikiنەمەقولىنى ئويناش بالىلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئويۇنلىرىنىڭ بىرسىمۇ؟

قولىنى ئويناش بالىلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئويۇنلىرىنىڭ بىرسىمۇ؟

نېمە ئۈچۈن پسىخولوگلار بارماقنى <ئەقىل - پاراسەتنىڭ ئالدىنقى قاراۋۇلى> دېيىشىدۇ. ئىنسانلاردىكى نۇرغۇنلىغان گۈزەل - سەنئەتلەر، مەسىلەن: خەت - يېزىش، رەسىم سىزىش، ساز چېلىش، كەشتە تىكىش، ئويمىچىلىق قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بارماق ھەرىكىتى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. بوۋاقلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئويۇنى قولىنى ئويناشتىن ئىبارەت. تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي نۇرغۇنلىغان بوۋاقلاردا قولىنى ئېمىش قىزىقىشى بولىدۇ. ئۇلار ھەممە بارماقلىرىنى ئېغىزىغا تىقىپ، قولىنى ئېمىپ، بۇنىڭدىن ناھايىتى بەك قانائەتلىنىدۇ. بەزى ۋاقىتتا قولىنى تارتىپمۇ چىقارغىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ قوللىرىدا نەرسىلەر بولسا، ھەمىشە ئۇنىمۇ ئېغىزىغا تىقماقچى بولىدۇ. ئۈچ ئايلىق بولغان بوۋاقلار ئۆزىنىڭ قولىنى كۆرەلەيدۇ ھەم ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن قارايدۇ ھەم قولغا ئۇچرىغانلىكى نەرسىنى مەسىلەن: يوتقان، كىيىم - كېچەك قاتارلىق نەرسىلەرنى ئېغىزغا تىقماقچى بولىدۇ. تۆت ئايلىق بولغان بالىلار قولىنى سوزۇپ سۈت بوتۇلكىسىنى ئالماقچى بولىدۇ. سۈت بوتۇلكىسىنى يېنىغا قويۇپ قويسا، قولىنى خېلىلا ئەپچىللىك بىلەن ھەرىكەتلەندۈرەلەيدۇ. بىراق تۇتالمايدۇ. بەش ئايلىق بولغان بوۋاقلار ئويۇنچۇقنى تۇتالايدۇ ۋە قولى بىلەن بىللە ئويۇنچۇقنى پۇلاڭلىتالايدۇ. ئالتە ئايلىقتىن كېيىنكى بالىلار ئولتۇرالايدۇ، قول بىلەن كۆزىنى ماسلاشتۇرالىغاچقا، مەقسەتلىك ھالدا ئويۇنچۇقنى تۇتۇپ بىر ئويۇنچۇق بىلەن يەنە بىر ئويۇنچۇقنى ئۆرۈپ ئوينىيالايدۇ. جوزا - ئورۇندۇقنى چېكەلەيدۇ، ئۇنىڭ قولى راستتىنلا نەرسىلەرنى تونۇيدىغان ئەزاغا ئايلىنىشقا باشلايدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
قولىنى ئويناش بالىلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئويۇنلىرىنىڭ بىرسىمۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki