قىزىتما بوۋاقلارغا نىسبەتەن قانداق پايدىسىز تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئادەم تۇراقلىق تېمپېراتۇرىلىق جانلىق. ئادەم بەدىنىنىڭ ھەربىر سىستېما ۋە ئەزالىرى پەقەت نورمال بەدەن تېمپېراتۇرىسى شارائىتى ئاستىدىلا ئاندىن نورمال فىزىئولوگىيىلىك پائالىيەت ئېلىپ بارالايدۇ. ئەگەر قىزىتما بەك يۇقىرى ياكى ئۇزۇن مەزگىل تۆۋەن قىزىتما بولسىلا ئادەم بەدىنىنىڭ ھەر قايسى ئەزالىرىدا فۇنكسىيىلىك توسقۇنلۇق ياكى زەخىملىنىش بولغان بولۇشى مۇمكىن. قىزىتما بوۋاقلارغا نىسبەتەن پەيدا قىلىدىغان پايدىسىز تەسىرلەر ئاساسلىقى:
1. ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىپ، ئورگانىزمنى تېخىمۇ ئاسان ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىشقا ئۇچرىتىدۇ؛
2. بەدەندىكى مېتابولىزىم ھەرىكىتىنىڭ تېزلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جىسمانىي كۈچىنىڭ خورىشىنى ئاشۇرۇپ، ھەزىم ئىقتىدارىنى ئاجىزلىتىپ، ئاسان تېز سۈرئەتتە ئورۇقلىتىۋېتىدۇ؛
3. بەدەن تېمپېراتۇرىسى تۇيۇقسىز، تېز سۈرئەت ئۆرلەپ ئاسانلا دۆلىنىشىنى پەيدا قىلىدۇ.