بوۋاقلار قەۋزىيەت بولغاندا قانداق كۈتۈش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
قەۋزىيەت بوۋاقلاردا تەرەت قىلىشتىن قورقۇش پسىخىكىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يامان سۈپەتكە قاراپ ئۆزگىرىپ، ۋاقىت ئۇزىراشتىن قورساق كۆپۈش، ئىشتىھاسى ئازلاش ۋە ئوزۇقلىنىشى ياخشى بولماسلىق قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بوۋاقنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ۋاقتىدا ھالىدىن خەۋەر ئېلىش كېرەك. كۆپ كۆرۈلىدىغان كۈتۈش ئۇسۇللىرى:
1. يېمەك - ئىچمىكىنى تەڭشەش. ئانا سۈتى بىلەن بېقىش مەزگىلىدە ئادەتتە قەۋزىيەت بولمايدۇ. ئەگەر قەۋزىيەت بولۇپ قالسا قايناق سۇ ياكى ئاز مىقداردا مېۋە شەربىتى ۋە كۆكتات شەربىتى بولۇپمۇ يېسىۋىلەك شەربىتى، ئاق تۇرۇپ شەربىتى قاتارلىقلارنى ئىچكۈزسە بولىدۇ. قوشۇمچە يېمەكلىك قوشۇپ بەرگەندىن كېيىن مۇۋاپىق مىقداردا كۆكتات تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى قوشۇپ بېرىشكە بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تاماقتىكى تالالارنى كۆپەيتىپ، قەۋزىيەت ئالامىتىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.
2. بوۋاقنى قەرەللىك تەرەت قىلدۇرۇپ تۇرۇش. تەرەت قىلىش شەرتلىك رېفلېكسى تۇرغۇزۇش، بوۋاقنىڭ ياخشى بولغان تەرەت قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىگە پايدىلىق.
3. بوۋاقنى كۆپرەك ھەرىكەت قىلدۇرۇش ياكى بوۋاقنىڭ قورسىقىنى يەڭگىل تۇتۇپ بېرىپ، ئۈچەينىڭ ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش چوڭ تەرەتنىڭ چىقىرىلىشىغا پايدىلىق.
4. ئەگەر تەرەت قىلىشتا قىينىلىش يۈز بەرسە بالىلارنىڭ توسالغۇلارنى ئېچىش شەربىتى ئىشلىتىش ياكى قاتتىق سوپۇننى يۇمىلاق تۈرۈكسىمان شەكىلدە كېسىپ مەقئەتكە كىرگۈزۈپ بەش مىنۇت تۇرغۇزسا ئالامەتنى ۋاقىتلىق يېنىكلەتكىلى بولىدۇ. كېسەللىكتىن كېلىپ چىققان قەۋزىيەتكە نىسبەتەن ياكى قەۋزىيەتنىڭ ئالامىتى ئېغىرراق بولغاندا ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرۈپ داۋالىتىش كېرەك.