تام پاتمىچۇقى تامغا قانداق يامىشىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
تام پاتمىچۇقىنىڭ تۇرقى ناھايىتى غەلىت، سەت بولۇپ، كىشىلەر ئارىسىدا، ئۇنىڭ زەھىرى بارمىش، ئادەمنى بىرلا چىشلىسە جېنىنى ئالارمىش؛ قۇلاقنىڭ ئىچىگە كىرىۋالسا ئادەمنىڭ مېڭىسىنى يەپ كېتەرمىش . . . دېگەندەك گەپلەر تارقالغان بولغاچقا، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭدىن قورقىدۇ ھەمدە ئۇنى ئۆچ كۆرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، يۇقىرىقى گەپلەرنىڭ ھەممىسى يالغان.
تام پاتمىچۇقى ئىنسانلار بىلەن بىللە ياشايدىغان بىر خىل كىچىك ھايۋان. ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئون سانتىمېتىر كېلىدۇ. بەدىنى ياپىلاق بولۇپ، بەدىنىدە سۆگەلسىمان تەڭگىچىلەر بولىدۇ؛ ئۇنىڭ تىرنقى بىلەن بارمىقى بىر قەدەر چوڭ. ئۇنىڭ قاپىقى يوق، شۇڭا ئۇنىڭ كۆزى مەڭگۈ ئوچۇق تۇرىدۇ. كېچىسى ھەرىكەن قىلىدىغان بۇ ھايۋان كۈندۈزلىرى بۇلۇڭ - پۇچقاقنى تېپىپ قانغۇچە ئۇخلايدۇ، كېچىسى چىقىپ ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ. تام پاتمىچۇقى كۈشەندىسىگە يولۇقۇپ قالسا، قۇيرۇقى ئۆزلۈكىدىن ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ. ئۈزۈلۇپ كەتكەن قۇيرۇقى نېرۋىلارنىڭ رولى ئوينىشى تۈپەيلىدىن بىردەم قىمىرلاپ تۇرغاچقا، كۈشەندىسى تام پاتمىچۇقىنى تاشلاپ قويۇق، قۇيرۇق بىلەن بولۇپ كېتىدۇ.
ياز كۈز پەسىللىرىنىڭ كەچلىرىدە، تام پاتمىچۇقى چىراغ يورۇقى چۈشكەن تام - تورۇسلارغا ۋە ئىستولبىغا چىقىۋېلىپ، مەخسۇس پاشا، چىۋىن، پەرۋانە قاتارلىق زىيانداش ھاشاراتلانى تۇتۇپ يەيدۇ. ئۇ خۇددى تامغا چىقىۋالغان بەھەيۋەت كىچىك يولۋاستەك ناھايىتى سالماق ۋە توغرا ھۇجۇم قىلىدۇ. شۇڭا، كىشىلەر ئۇنى «تامدىكى كىچىك يولۋاس» دەپمۇ ئاتىشىدۇ.
ئۇنداقتا، تام پاتمىچۇقى نېمە ئۈچۈن سىلىق تاملارغا ۋە ئەينەكلەرگە يامىشالايدۇ؟ كىشىلەر مىكروسكوپتىن پايدىلىنىپ كۆزىتىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ تىرناق ۋە بارماقلىرىنىڭ ئاستىدىكى تېرىسىدە مىليۇنلىغان تىكەنسىمان كىچىك نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى، بۇ تىكەنسىمان نەرسىدە يەنە سانسىز قوشۇقسىمان نەرسىنىڭ ئىنتايىن قويۇق ھالەتتە كۆپۈپ چىقىپ تۇرىدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇ خىل ئالاھىدە ئەزالار تام، تاختاي، ئەينەك قاتارلىق سىلىق نەرسىلەر بىلەن ئۇچراشقاندا، ناھايىتى زور سۈركىلىش كۈچى پەيدا قىلىدىغان بولغاچقا، تام پاتمىچۇقى سىلىق نەرسىلەرنىڭ ئۈستىدىن چۈشۈپ كەتمەي ئەركىن - ئازادە يۈگۈرۈپ يۈرەلەيدۇ.